بوكو ھارام مىلىتانلىرى كامېرون ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

80259
بوكو ھارام مىلىتانلىرى كامېرون ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام كامېروننىڭ نىگېرىيە چېگراسىدىكى ھەربىي بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ئارمىيەنىڭ مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكى ۋە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 40 مىلىتاننىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئافرىقا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان كامېرون، بوكو ھارام تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە نىگېرىيە چېگراسىدا 5 مىڭ ئەتراپىدا ئەسكەر تۇرغۇزماقتا. تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام كامېروننىڭ خۇسۇسەن شىمالىي قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، بوكو ھارام تەشكىلاتى بۇنىڭدىن ئىككى ئاي ئىلگىرى كامېروندىن تۇتۇپ كەتكەن ئىتالىيە ۋە كانادالىق 3 مىسسىيونېرنى قويۇپ بەردى. بۇ تەشكىلات ئۆتكەن ئاي 200 دىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچىنى گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان نىگېرىيەدىمۇ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

بوكو ھارام مىلىتانلىرى دۆلەتنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بورنو ئۆلكىسىدىكى 3 يېزىغا ھۇجۇم قىلدى؛ ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 43 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر