ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىدى

ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سانگېئاڭ ئاپى يانار تېغىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 مىڭ كىلومېتىرلىق ساھەگە ۋولقانسىمان كۈللەرنىڭ چېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى

78373
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سانگېئاڭ ئاپى يانار تېغىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 مىڭ كىلومېتىرلىق ساھەگە ۋولقانسىمان كۈللەرنىڭ چېچىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ھىندونېزىيە دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش كومىتېتى مەسئۇللىرىدىن سۇتۇپو پۇرۋو نۇگوھو، سانگېئاڭ ئاپى ئارىلىدا مۇقىم ئولتۇراق رايونىنىڭ يوقلۇقىنى، بىراق ئارالدا باغچىلىرى بارلارنىڭ رايوندىن قۇتقۇزۇش كېمىلىرى بىلەن تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1911 - يىلدىن تارتىپ ھازىرغىچە پات - پات ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان يانار تاغ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1999 - يىلى پارتلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر