يۈننەن ئۆلكىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى

جۇڭگونىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى

77216
 يۈننەن ئۆلكىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدە 6.1 بال يەر تەۋرىدى.
جۇڭگو يەر تەۋرەش سۇپىسى مەركىزىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ يىڭجىياڭ يېزىسىدا يەرنىڭ تېگىدىن 12 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يەر تەۋرەش مەيدانغا كەلگەن.
دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.
رايوندا، ئۆتكەن ھەپتىمۇ 5.6 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 13 كىشى يارىلانغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر