ئىسپانىيەدە نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.

ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۇدا 17 يىلدىن بۇيان رادىكال سولچىل گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى بىر دۆلەت بىناسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى بىلەن باشلانغان نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.

77213
ئىسپانىيەدە نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ بارسېلونا شەھىرىدە ئۇدا 17 يىلدىن بۇيان رادىكال سولچىل گۇرۇپپىلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىكى بىر دۆلەت بىناسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشى بىلەن باشلانغان نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا.
ياشلاردىن تەشكىل تاپقان ۋە ئۆزلىرىنى «ئوكۇپا» دەپ ئاتىۋالغان بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن 17 يىلغا ېيقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىشغال قىلىۋېلىنغان «كان ۋىئېس» ئىسىملىك ئاممىۋى مەركەزنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى باشلانغان ۋەقەلەر داۋاملاشماقتا.
نامايىشلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ قوللىماقتا.
سانى 500 دىن ئاشىدىغان، كۆپىنچىسى نىقابلىق نامايىشچىلار مەزكۇر بىنا جايلاشقان كوچىدىكى بانكىلارنىڭ دەرىزىلىرىنىڭ ئەينەكلىرىنى چېقىۋەتتى، ئەخلەت كۇپلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى، ساقچىلارغا تاش ۋە شېشىلەر بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
ساقچىلار نامايىشلارغا تېخىمۇ قاتتىق ئۇسلۇبتا مۇداخىلە قىلدى.
ۋەقەرلەردىن كېيىن 25 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى جاكارلاندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر