ئامېرىكا: ئەسەدنىڭ كېلەچىكى يوق

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى

77246
ئامېرىكا: ئەسەدنىڭ كېلەچىكى يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بەششار ئەسەدنىڭ سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە ئورنى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا باشلىدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامادىن كېيىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرىمۇ بەششار ئەسەدنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.
كېرى، ئامېرىكىنىڭ «‹ PBS › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارەت خاتىرىسىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، «سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى داۋاملىق قوللايمىز ۋە ياردەم بېرىمىز، سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىدە بەششار ئەسەدنىڭ ئورنى يوق» دېدى.
كېرى، سۈرىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن سايلام باسقۇچىنىڭمۇ قانۇنلۇق ئەمەسلىكىنى قەيت قىلدى.
بۇ ئارىلىقتا، پىرېزىدېنت سايلاملىرىغا ساناقلىق كۈنلەر قالغان بىر پەيتتە، بەششار ئەسەد كۈچلىرى، خەلقنى بومباردىمان قىلىش، ۋارىل بومبىسى ۋە زەھەرلىك گاز ياغدۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۆلەتنىڭ ۋەزىيىتى بارغانسېرى قالايمىقانلىشىپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنىڭ كىرىزىسنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر