فىرانسىيەدە لۆپېنگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيەدىكى پارلامېنت سايلاملىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى مىللىي ئالدىنقى سېپىنىڭ غەلىبە قىلىشى فىرانسۇزلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

77218
 فىرانسىيەدە لۆپېنگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدە لۆپېنگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرىدىن بىرى بولغان فىرانسىيەدىكى پارلامېنت سايلاملىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى مىللىي ئالدىنقى سېپىنىڭ غەلىبە قىلىشى فىرانسۇزلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.
مىڭلارچە فىرانسىيەلىك پارىژ كوچىلىرىدا مارىن لۆپېن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئالدىنقى سېپىنىڭ سايلام غەلىبىسىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
نامايىشتا ئىرقچىلىق ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى سىياسەتلىرى بىلەن نارازىلىق پەيدا قىلغان مىللىي ئالدىنقى سېپىگە قارشى شوئارلار توۋلاندى.
مارىن لۆپېن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئالدىنقى سېپى ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنت سايلاملىرىدا % 25 ئاۋاز بىلەن غەلىبە قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر