قىرىمدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

76604
قىرىمدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى تەرىپىدىن قىرىمنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىكىگە تەۋسىيە قىلىنغان لەنۇر ئىسلاموۋ 2014 – يىلى 2 – ئاپرېل بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ئىدى.

قىرىم جۇمھۇرىيىتى پارلامېنتىدا 28 – ماي ئېچىلغان يىغىندا، لەنۇر ئىسلاموۋنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسى بىكار قىلىندى. بۇ ھەقتىكى قارار يىغىنغا قاتناشقان 78 پارلامېنت ئەزاسى ئىچىدىكى 76 پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

لەنۇر ئىسلاموۋنىڭ ئورنىغا، قىرىم تاتار مەجلىسىگە قارشى ئىدىيەسى بىلەن تونۇلغان رۇسلان بالبېك ۋەزىپىگە قويۇلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر