جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك داۋام قىلماقتا

76599
جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئارىسىدىكى يىرىكچىلىك داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىيېتنام نېفىت سۇپىسى جىدېلى يۈز بېرىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدا، جۇڭگو پاراخوتىنىڭ ۋىيېتنام بېلىقچىلىرىنىڭ پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش – تارتىشتا قالغان رايوندا قۇرغان نېفىت سۇپىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە، 10 ۋىيېتناملىق بېلىقچىنىڭ قۇتقۇزۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

جۇڭگو بولسا، ۋىيېتنام پاراخوتىنىڭ «ئىغۋاگەرچىلىك» قىلغاندىن كېيىن ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ۋىيېتنام نېفىت سۇپىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن رايونغا چالاش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتكەن. جۇڭگومۇ بۇنىڭغا قارشى نېفىت سۇپىسىنى قوغداش ئۈچۈن 80 پاراخوت چىقارغان.

جۇڭگو ئۆزىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بولغان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت بۇرغىلاش سۇپىسى قۇرۇش سەۋەبىدىن باشلانغان نامايىشلار، ۋىيېتنامدىكى جۇڭگولۇقلارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارغا ئۆزگىرىپ كەتكەن.

جۇڭگو ئىككى پۇقراسى ئۆلگەندىن كېيىن، ۋىيېتنامدىكى پۇقرالىرىنى تارقاقلاشتۇرۇشتۇرغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان زاۋۇتلار تاقىلىپ كەتكەن.

ھازىر بۇ زاۋۇتلاردا ئىشلەيدىغان 60 مىڭ ئەتراپىدىكى ۋىيېتناملىق ئىشسىز ئەھۋالدا تۇرماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر