ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىرلىككە كېلەلمىدى

75757
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىرلىككە كېلەلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، ياۋروپا پارلامېنتى سايلىمىدا ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي پارتىيە سۈپىتىدە ئۇتۇپ چىققان خىرىستىيان دېموكراتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقلىق نامزاتى جېن كلاۋدې جانكېرنى تېزلىكتە ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاراپ چىقىش ئۈچۈن 27 – ماي چاقىرغان غەيرى رەسمىي يىغىندا، ئەنگلىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر لىيۇكسېمبۇرگنىڭ سابىق باش مىنىستىرى جانكېرغا نىسبەتەن قىزغىن ئەمەسلىكى توغرىسىدا سىگنال بەردى.

ئەنگلىيە، گوللاندىيە، ۋېنگىرىيە ۋە شىۋېتسىيە جانكېرغا نىسبەتەن ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلدى. باشتىن تارتىپ جانكېرنىڭ نامزاتلىقىنى قوللاپ كەلگەن گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ يىغىن ئاخىرىدا قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ۋە كېڭەش باشلىقلىرى، تاشقى ئىشلار ئالىي ۋەكىلى ۋە ئىقتىساد كومىسسارى قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەر ھەققىدە مەسلىھەتلىشىشكە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىشى، پوزىتسىيە ئۆزگىرىش گۇمانىنى قوزغىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جانكېر سوتسىيالىستلار ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان فىرانسىيە بىلەن ئاۋستىرىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يېڭى كومىتېت باشلىقىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش توغرىسىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ھېرمان ۋان رومپۇينى مەسئۇل قىلدى.

غەيرى رەسمىي يىغىندا، رادىكال ئوڭچى گۇرۇپپىلارنىڭ يۈكسېلىشىنى مۇھاكمە قىلغان رەھبەرلەر، ۋان رومپۇيدىن ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېلەچەكتە قانداق سىياسەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىشى توغرىسىدىكى تەكلىپ – پىكىرلىرىنى دوكلات شەكلىدە 26 – 27 – ماي كۈنلىرى ئېچىلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا سۇنۇشنى تەلەپ قىلدى.

رادىكال ئوڭچىلار يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا، 751 ئورۇنغا ئىگە پارلامېنتتا خىرىستىيان دېموكراتلار كۈچىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئېرىشكەن 213 ئاۋاز بىلەن يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي گۇرۇپپىغا ئايلاندى. سوتسىيالىستلار بولسا، 191 ئاۋازغا ئېرىشىپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر