بارزانى مالىكىغا تەھدىت سالدى

128789
بارزانى مالىكىغا تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى مەسۇت بارزانى، ئىراق باش مىنىستىرى مالىكى ئۈچىنچى قېتىم يەنە ئوخشاش ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان تەقدىردە ئىراقتىن ئايرىلىش ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.

بارزانى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كۈردىستان دېموكرات پارتىيەسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، بارزانى «مالىكى ئۈچىنچى قېتىم باش مىنىستىر بولسا، كۈردىستاندا خەلق رېفېراندۇم ئۆتكۈزىدۇ. بىز باغداد بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى فورمۇلا تاپىمىز» دېگەن.

كۈرت خەلقىنىڭ مالىكى باشچىلىق قىلغان ھۆكۈمەتكە شېرىك بولۇشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن بارزانى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئىراق ھۆكۈمىتىگە باشچىلىق قىلىدىغان ھەقىقىي شېرىك تېپىش ئۈچۈن قولىدىن كېىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراق پارلامېنت سايلاملىرىدا، مۇتتەھىدۇنلار 23، شېئە بىرلەشمىسى 29 ۋە ۋاتاننىيەلەر 21 ئورۇنغا، مالىكى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسى بولسا، 93 ئورۇنغا ئىگە بولغان ئىدى.

ئىراق ئالىي سايلام كومىتېتى ئېلان قىلغان ئېنىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، پارلامېنت سايلىمىدا ھېچقايسى پارتىيە ھۆكۈمەتنى ئۆز ئالدىغا قۇرغۇدەك كۆپ ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن. ھۆكۈمەتنى قۇرۇش ئۈچۈن پارلامېنتتا 165 ئورۇنغا ئېرىشىش كېرەك بولۇپ، مالىكىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر