باراك ئوباما ئافغانىستاندا

73968
باراك ئوباما ئافغانىستاندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوباما ئافغانىستانغا كۈتۈلمىگەن زىيارەت ئېلىپ باردى.

پىرېزىدېنت باراك ئوباما پىروگراممىسى دائىرىسىدە بولمىغان بۇ زىيارىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان ئافغانىستان ئۇرۇشىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرغىچە ئاخىرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

باراك ئوباما باگرام ھاۋا بازىسىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى يوقلاپ، بۇ يىل ئاخىرغىچە ئافغانىساندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدىغانلىقلىرىنى، ئافغانىستاندا قالدۇرۇپ قويۇلىدىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنىڭ يېقىندا ئېنىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسكەرلەرگە «كۆپىنچىڭلار ئافغانىستاندىكى ئەڭ ئاخىرقى ۋەزىپەڭلارنى ئورۇنداۋاتاسىلەر»دېگەن باراك ئوباما«ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئاخىرلاشتۇرىدۇ» دېدى، ئافغانىستاندا ھېلىھەم 32800 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر