گوللاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلدى

گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنت سايلاملىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلدى

71776
گوللاندىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا پارلامېنت سايلاملىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلدى.
سايلاملاردا ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپدارلىرى ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى يۈكسەلدۈردى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قارشى چىققۇچىلارنىڭ بولسا ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆكتىچى سول لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسى سايلامدا بىرىنچى رەتكە تىزىلدى، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ شېرىكى بولغان سوتسىيال دېموكرات ئىشچى پارتىيەسى بىلەن رادىكال ئوڭچىل ئەركىنلىك پارتىيەسىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ كەتتى.
2009 - يىلقى سايلاملارغا كۆرە ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى % 11.3 تىن % 15.6 كە يۈكسەلدۈرگەن سول لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى % 20 تىن % 15.2 كە تۆۋەنلەپ كەتكەن خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى پارتىيەسىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىغا تۆتتىن پارلامېنت ئەزاسى ئەۋەتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى % 37 بولغان سايلامنىڭ نەتىجىسى 25 - ماي يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىدىكەن.
تەخمىنى نەتىجىلەرگە كۆرە، ئوخشىمىغان پارتىيەلەردىن سايلامغا ئىشتىراك قىلغان 6 نەپەر تېگى تۈرك نامزاتلاردىن ھېچبىرى بىۋاستە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن. تېگى تۈرك نامزاتلارنىڭ ئەھۋالى بېلەتلەرنىڭ تاللاش خاراكتېرلىك سانىلىشىدىن كېيىن ئېنىق بولىدىكەن. نامزاتلار 20 مىڭ تاللاش بېلىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردە ياۋروپا پارلامېنتىغا سايلىنالايدىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر