ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇم

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن، رېفېراندۇملارنى «ئاتالمىش» دەپ ئاتاپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنسىز ھېچقانداق بىر رېفېراندۇمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دېدى

66747
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇم

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇملارنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت ئالى ۋەكىلى كېترىن ئېشتىن، رېفېراندۇملارنى «ئاتالمىش» دەپ ئاتاپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنسىز ھېچقانداق بىر رېفېراندۇمنى ئېتىراپ قىلمايدۇ» دېدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەت كېڭىشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئېشتىن، موسكۋانى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا جەنۋەدە چاقىرىلغان 4 تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياننامىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۋەدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە ئاساسەن قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئېشتىن، رۇسىيەنىڭ جەنۋەدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئېشتىن، 25 - ماي كۈنى ئۇكرائىنادا ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت.» شەرقىي ئۇكرائىنادىكى رېفېراندۇملارغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ نارازىلىق بىلدۈردى. ئاق ساراي باياناتچىسى جېي كارنى، قانۇنسىز «ئاتالمىش رېفېراندۇملار» نىڭ ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى ۋە مۇقىمسىزلىقىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۇ پارچىلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، جۈملىدىن رېفېراندۇملارنىڭ نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمايمىز» دېدى. كارنى، رۇسىيەنىڭ رېفېراندۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەسىر كۈچىنى ئىشقا سالمىغانلىقىدىن تولىمۇ ئۈمىدسىزلەنگەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى. كارنى، كىيېۋنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە مىللىي بىرلىكنى قوغداش يولىدا ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە رۇسىيەنىڭمۇ بۇ تىرىشچانلىقلارنى قوللىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر