ۋاشىنگىتوننىڭ كۈنتەرتىپىدە نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان قىزلار

نىگېرىيەدە ئاپرېل ئېيىدا بوكو ھارام تەشكىلاتى تەرىپىدىن 200 دىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلگەنىدى

64470
ۋاشىنگىتوننىڭ كۈنتەرتىپىدە نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان قىزلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتوننىڭ كۈنتەرتىپىدە نىگېرىيەدە گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان قىزلارمۇ بار.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى جون كېرى، «پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ سەتچىلىكنى ئەيىبلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي؛ يەنە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشى لازىم» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلغان كېرى، نىگېرىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەمچى بولۇش ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.
ئامېرىكا ئەترىتىنىڭ قىزلارنى تېپىش ئۈچۈن رايونغا كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن كېرى، ئەترەتنىڭ نىگېرىيە دۆلىتى بىلەن ھەمكارلىق ئاساسىدا خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى؛ بوكو ھارام تەشكىلاتىغا ھەددى بىلدۈرۈپ قويۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
نىگېرىيەدە ئاپرېل ئېيىدا بوكو ھارام تەشكىلاتى تەرىپىدىن 200 دىن ئارتۇق قىز ئوقۇغۇچى تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر