مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۈستىدىن ئارقا – ئارقىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىن

62322
مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۈستىدىن ئارقا – ئارقىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىردا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى تۇرغۇچىلار 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. مىسىر سوت مەھكىمىلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزالىرىنى كوللېكتىپ ھالدا جازالاش قارارلىرى داۋام قىلماقتا. 683 ئادەمگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى قارارلىرىنىڭ تەسىرلىرى داۋام قىلىۋاتقان بىر پەيتتە يەنە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارغا ئىشتىراك قىلغان 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مىسىردا بىر سوت مەھكىمىسى، ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلارغا قاتناشقان 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۈستىدىن ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇش، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى سادىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قانۇنسىز قورال ساقلاش دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ ھۆكۈمنامە ئېلان قىلدى؛ 102 مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ئەزاسى 10 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا، 2 كىشى 7 يىللىقتىن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
بۇ جەرياندا قاھىرە جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، رابىئەتۇلئەدەۋىييە مەيدانىدىكى نامايىشلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئەسناسىدا ئامانلىق ساقلاش كۈچلىرىگە قارشى چىقىش ۋە قورال ئېلىپ يۈرۈش بىلەن ئەيىبلگەن ۋە ئارىسىدا مەركىزى قاتارغا جايلاشقان ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ مۇخبىرى شامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 312 كىشىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش مۇددىتىنى 45 كۈن ئۇزارتىشنى قارار قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر