​​​​​​​پەيغەمبەر ۋە ياشلار (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/46 - 2018

1089337
​​​​​​​پەيغەمبەر ۋە ياشلار (ئاۋازلىق)

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى كەچتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ خاتىرە يىلىغا قەدەم قويىمىز. بىزلەرگە «ئۈممىتى مۇھەممەد» بولۇشتەك شەرەپنى بەخش ئەتكەن رەببىمىزگە ھەمدۇ سانالار بولسۇن. پۈتۈن ئىنسانىيەتكە رەھمەت ۋە ھىدايەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ساھابىلىرىگە سالات  ۋە سالاملار بولسۇن.

ئۇلۇغ ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزنى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق تەرىپلەيدۇ:

«ئى پەيغەمبەر! بىز سىنى بىر شاھىد، خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى، (شۇنداقلا) ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆز يولىغا چاقىرىدىغان بىر دەۋەتچى ۋە (زۇلمەتلىك يوللارنى) يورىتىدىغان بىر چىراغ قىلىپ ئەۋەتتۇق»[1]

دەر ھەقىقەت، پەيغەمبرىىمىز ھەق ۋە ھەقىقەتكە شاھىد، ياخشىلىق يولىدا خۇشخەۋەر بەرگۈچى، باتىلغا (يەنى ناھەقچىلىققا) قارشى ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر. قۇرئان كەرىمنى ئۈممىتىگە يەتكۈزگۈچى، ئىزاھلىغۇچى ۋە ئۆزى بىۋاستە ئەمەل قىلىپ ئۆگەتكۈچىدۇر. پۈتۈن ئىنسانىيەتنى خاتىرجەملىككە، تىنچلىققا ۋە ئادالەتكە دەۋەت قىلغۇچىدۇر. ھاياتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئۈممىتىگە يول كۆرسەتكۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى، يولنى سېزىپ بەرگۈچى، جۈملىدىن بۇ ئېمتىھان دۇنياسىدا بىزگە يول باشلاپ، يولىمىزنى يورۇتۇپ بەرگۈچىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھقا ئىمان ئېيتىپ، ئۇنىڭ رىزاسىنى ئىستەيدىغان ۋە ھەر ئىككى دۇنيادا ئەزىز ھەم بەختىيار بولۇشنى خالايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن «ئۈسۋەتۇل ھەسەنە» (يەنى ئەڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگە) پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىچىڭلاردىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئۈمىت باغلىغانلار شۇنداقلا ئاللاھنى كۆپ ياد قىلىدىغانلار ئۈچۈن شۈبھىسىزكى رەسۇللاھ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىدۇر»[2]

بۇ قىممەتلىك ئۈلگىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ، ئۇنىڭ تەربىيەسىدە يېتىشكەن ساھابىلەر، ئىمان ۋە ئادالەتنىڭ، ئىلىم ۋە ھېكمەتنىڭ، جاسارەت ۋە مەرھەمەتنىڭ مىسالى بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرۇپ چىققان ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسى، جاھىلىيەتنىڭ زۇلمەتلىرىنى ئارقىدا تاشلاپ يۈكسەلگەن، بارغانلىكى ھەممىلا يەرگە ۋەھىينىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچ بەخش ئەتكۇچى چاقىرىقلىرىنى يەتكۈزگەن ئىدى.

قىممەتلىك مۇسۇلمانلار! ئاللاھنىڭ رەسۇلى ئۆزىگە پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى كېلىشتىن ئىلگىرىمۇ ئاجايىپ ئېسىل بىر ياش يېگىت ئىدى. ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى «مۇھەممەدۇل ئەمىن! مۇھەممەدۇل ئەمىن!» (يەنى ئىشەنچلىك مۇھەممەد) دېگەن نام بىلەن ئاتايتتى.  پەيغەمبىرىمىزگە ئەڭ دەسلەپ ئىمان ئېيتقانلارمۇ ياشلار ئىدى. ئۇنىڭ دۇرۇست، مەردلىكى، ئىنساپلىق ۋە ئادىل كىشىلىك ئوبرازى، ياشلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشەنچ كاپالىتى بولغان ئىدى.  ياش ساھابىلەرگە كامىل بىر ئىمان، سالىھ ئەمەل ۋە گۈزەل ئەخلاقنى سىڭدۇرگەن پەيغەمبىرىمىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ پىكىر ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز ۋە ئۈلگە قىلىپ يېتىشتۈرگەن ئىدى.

ياشلارنى چۈشىنىش ۋە ئۇلارنى كەلگۈسىگە ھازىرلاش جەھەتتىمۇ پەيغەمبىرىمىز بىزلەرگە نىسبەتەن تەڭداشسىز بىر ئۈلگىدۇر. ئۇ دائىم ياشلارغا ئىشەنگەن، مەسئۇلىيەت تاپشۇرغان، پىكىرلىرىگە قۇلاق سالغان، خاتالىقلىرىنى رەنجىتمەستىن تۈزەتكەن ئىدى. ھەزرەتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئۆزىنىڭ ياتىقىدا قويۇپ قويۇپ، ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئېلىپ كەلگەن ئوزۇقلۇقنى ئېلىپ، ھىجرەتكە ئاتلانغان، مۇسئەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى مەدىنىگە ئوقۇتقۇچى قىلىپ ئەۋەتكەن، مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە قازى قىلىپ يوللىغان ۋە ئۇسامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ئەسكەرلەرگە قۇمانلىققا تەيىنلىگەن بولۇپ، ئەنۇ شۇلارنىڭ ھەممىسى ياشلار ئىدى.

ئەزىز ياش قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسى شەرىپىدە، «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئەگەشمىگەن ۋە ھەقتىن ئازمىغان ياشنى ياخشى كۆرىدۇ»[3] دېگەن بولۇپ، سىلەرمۇ بۈگۈنكى كۈندە خۇددى ئەشۇ ياش ساھابىلەرگە ئوخشاش ئۆمۈر سەرمايەڭلارنىڭ ئەڭ بەرىكەنلىك مەزگىلىدە تۇرىۋىتىسىلەر.  ئەتراپنى قورشاپ تۇرغان ئازدۇرغۇچ ۋە ئالداتقۇچ نۇرغۇنلىغان ساختە دەۋەتلەر سىلەرنى ھەقىقەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشقا قانچە تىرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئىماننىڭ كۈچى، ئىبادەتنىڭ ئىشتىياقى ۋە ئەخلاق بايلىقىڭلارغا ھەر دائىم ئىشىنىشىڭلار لازىم. ياشلىق ئېنېرگىيەڭلارنى ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا ئۇيغۇن ئىشلارغا ئىشلىتىشكە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يول باشلىغۇچى ۋە ئۈلگە قىلىشقا تىشىشىڭلار لازىم. چۈنكى يەر يۈزىگە ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىدىغان ۋە ئىنسانىيەتنىڭ قاناۋاتقان يارىلىرىغا مەرھەم بولىدىغان كىشىلەر دەل سىلەر ئۆزىڭلار. چۈنكى سىلەر بۇ ئەزىز ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۈممىتى مۇھەممەدنىڭ كۆكلەۋاتقان ئۈمىدىسىلەر.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنىڭ 2كىچىسى، بۇ يىل 19نۇيابىرغا توغرا كېلىدۇ. بۇ كېچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەپتە بولسا، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ھەپتىسى» سۈپىتىدە ئالاھىدە خاتىرلىنىدۇ. تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىمىز بۇ ھەپتىنىڭ تېمىسىنى «پەيغەمبەر ۋە ياشلار» دەپ بەلىگىلىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبىرىمىزنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشقا، چۈشىنىشكە، بولۇپمۇ ياشلار بىلەن قۇرغان مۇناسىۋىتىنى ئۈلگە ئېلىشقا بار كۈچىمىز بىلەن تېرىشايلى.

«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان ھەپتىسى» نىڭ ئەزىز مىللىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا خەيرىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئاللاھتىن تېلەيمىز. ئامىن. 

 

 

 

[1] - سۈرە ئەھزاب، 45 – ۋە 46 - ئايەت

[2] - سۈرە ئەھزاب، 21ئايەت

[3] - ئەھمەد بىن ھەنبەل، 4جىلد، 151ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر