ئاللاھ ھەربىر ھەق ئىگىسىگە تېگىشلىك ھەق بەرگەن (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/41 - 2018

1067513
ئاللاھ ھەربىر ھەق ئىگىسىگە تېگىشلىك ھەق بەرگەن (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن كېيىن مۇھاجىر ۋە ئەنسارلارنى قېزىنداش دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق ساھابىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مەنىۋىي قېرىنداشلىق رىشتىسى بەرپا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەلمان فارسى ۋە ئابۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ بار ئىدى. ئەبۇ دەردا ئىسلام بىلەن شەرەپلەنگەندىن كېيىن، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن باشقا ئىش قىلماسلىق قارارىغا كەلگەن ئىدى. شۇڭا سودا ئىشلىرىنى تاشلىغان، ھەتتا ئائىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلمەي، ئىبادەتلا قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرگەن سەلمان فارسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «رەببىڭنىڭ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەق ھوقۇقى بار، نەپسىڭنىڭمۇ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەق ھوقۇقى بار. شۇنىڭدەك ئائىلەڭنىڭمۇ سېنىڭ ئۈستىڭدە ھەق ھوقۇقى بار. شۇنداق ئىكەن، ھەربىر ھەق ئىگىسىگە تېگىشلىك ھەق ھوقۇقىنى ئادا قىلىشىڭ لازىم» دېگەن ئىدى. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سەلماننىڭ بۇ سۆزلىرىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزگىنىدە، پەيغەمبەر ئەەليھىسسالاممۇ «سەلمان توغرا گەپ قىپتۇ» دېگەن ئىدى[1].

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەقنىڭ مەنبەسى ئاللاھ تائالادۇر. ئۇ ئاسمان - زېمىننىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتۈن نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدۇر. بىزلەرنى يوقتىن بار قىلغان، بىزلەرگە ساناقسىز نېئمەتلەرنى بەخش ئەتكەن، شۇڭلاشقا ھەققىگە ھەممىدىن بەكرەك رىئايە قىلىشىمىز كېرەك بولغان زاتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رەببىمىز ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى ۋە بۇ مەسئۇليەتلەرنى ئادا قىلغىنىمىزدا قولىمىزغا كېلىدىغان مۇكاپاتلارنى مۇنداق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى.  

«ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەققى؛ ئۆزىگە ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكى ۋە ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىلىشىدۇر. بۇنى ئادا قىلغان تەقدىردە، بەندىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققى؛ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ئازابلىماسلىقى ۋە جەننەتكە كىرگىزىشىدۇر[2]»

ئىزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا ئۆزىگە بەندىچىلىك قىلىشنى جىكىلەشتىن كېيىنلا بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ سەۋەبكارلىرى بولغان ئاتا ئانىمىزنىڭ ھەق ھوقۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

«رەببىڭ، ئۆزىدىن باشقىسىغا قەتئىي ئىبادەت قىلماسلىققا ۋە ئاتا ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇلاردىن بىرسى ياكى ھەر ئىككىسى سېنىڭ يېنىڭدا ياشىنىپ قالسا، ھەرگىزمۇ ئۇلارغا «ۋايجان!» دەيدىغان ئىشنى قىلما. ئۇلارغا ئازار بەرمە. ئۇلارغا تاتلىق ۋە گۈزەل سۆزلەرنى قىلغىن![3]»

ئاتا ئانىنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈستىدە ھەق ھوقۇقلىرى بولغانغا ئوخشاش پەرزەنتلەرنىڭمۇ ئاتا ئانا ئۈستىدە ھەق ھوقۇقلىرى بولىدۇ. ئۇلارنى ھالال تاپاۋەت بىلەن بېقىش، دىنىغا، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىگە سادىق، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق، گۈزەل ئەخلاقلىق قىلىپ يېتىشتۇرۇش پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزدىكى ھەققىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە: «ھىچبىر ئاتا ئانا پەرزەنتىگە گۈزەل تەربىيەدىن تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسە بېغىشلىيالمايدۇ[4]» دېگەن ئىدى.

دەرۋەقە، دىن، ئىرق ۋە جىنس ئايرىماستىن، ھەر بىر ئىنساننىڭ ھايات ياشاش ھەققى بولىدۇ. ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرى سىرتىدىكى ھەر قانداق بىرەر سەۋەب بىلەن بىرەر ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇش، ئاياللارنى، سەبىيلەرنى ۋە گۇناھسىزلارنى ياشاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش ئەڭ چوڭ ھالاكەتلىك جىنايەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە: «كىم بىر مۆئمىننى قەستەن ئۆلتۈرسە، جازاسى مەڭگۈلۈك جەھەننەم بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا ئازاب ۋە لەنەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ بىر ئازابنى ھازىرلىدى»[5] دېگەن ئىدى.

مۆھتىرەم مۇسۇلمان قېرىنداشلار! دىنىمىزدا پەقەت ئىنسانلارغىلا ئەمەس، ھايۋانلارغىمۇ كۆيۈم شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇلغاندۇر. ھايۋانلارنى قېيناش ۋە ياشاش ھەققىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنىڭ ئاخىرەتتىكى نەتىجىسى زىياندىنلا ئىبارەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر مۈشۈكنىڭ ئاچ قىلىپ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان ئايالنىڭ بۇ زۇلمى يۈزىسىدىن جەھەننەمگە كىرىدىغانلىقىنى[6]، ۋە بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇسسۇز قالغان بىر ئىتقا سۇ بەرگەن كىشىدىن ئاللاھ رازى بولۇپ، ئۇنى مەغپىرەت قىلغانلىقىنى[7] ئۇقتۇرغان ئىدى. 

ھەق ۋە ھەقىقەت كىتابىمىز بولغان قۇرئانى كەرىمدە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«تەقۋادار كىشىلەرنىڭ مال مۈلكىدە ياردەم تەلەپ قىلغانلارنىڭ ۋە يوقسۇللارنىڭ مۇئەييەن مىقداردا ھەققى بولىدۇ[8]»

ئۆز مال مۈلكىدە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھەق ھوقۇقى بار، دېگەن ئاڭغا ئىگە ھەرقانداق مۆئمىن، كەمبىغەل، يوقسۇل، يېتىم ۋە ئىگە چاقىسىز كىشىلەرگە ياردەم قىلىشتا قىلچىمۇ ئىككىلىنىپ قالمايدۇ. چىقىمدا ئۆلچەملىك بولىدۇ. ئىسراپ ۋە كۆز كۆز قىلىشتىن قاچىدۇ. ئاددى ساددىلىق ۋە قانائەتچانلىقنى دوست تۇتىدۇ. يېگەن بىر لوقما نېنىدىمۇ يەر يۈزىدىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھەققى بارلىقىنى بىلىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۆزىمىز ياشاۋاتقان جەمىيەتكە نىسبەتەنمۇ مەسئۇلىيىمىز بار. بۇ مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئورۇنداش ۋە بەندىنىڭ ھەققىگە ئوخشاشلا ئەل جامائەتنىڭ ھەققىگە دىققەت قىلىش ھەمىمىزنىڭ ۋەزىپىسى. چۈنكى ھەق ھوقۇققا رىئايە قىلماسلىق ھەر قانداق جەمىيەتنىڭ خاتىرىجەملىكى ۋە قېرىنداشلىقىغا نىسبەتەن ئەڭ ئېغىر تەھدىتتۇر. زوراۋانلىققا كۆز يۇمۇش، مۇھىتنى بۇلغاش، قاتناش قائىدىلىرىگە رىئايە قىلماسلىق، توكنى ئوغرىلاپ ئىشلىتىش، ئامبارلاش ئارقىلىق باھاسىنى ئۆستۈرۈپ سېتىش ۋە دۆلەتنىڭ مېلىغا زىيان يەتكۈزۈش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئىجتىمائىي مالىمانلىچىلىق ۋە جەمىيەتنى ۋەيران قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ زىياننىڭ ئاخىرەتكىچە سوزۇلغان قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئاخىرەت كۈنىدە، نە ئالتۇن، نە كۈمۈش پۇل بولمايدۇ. شۇڭا باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالغانلارنىڭ ياخشىلىقى بولسا، ئۇنىڭدىن ئېلىنىپ، ھەق ئىگىلىرىگە بېرىلىدۇ. ئەگەر ئېلىپ بەرگۈدەك ساۋابلىق ئىشلىرى بولمىسا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ گۇناھلىرى زىيان سالغۇچىغا يۈكلىنىدۇ[9]»

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەممىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ھازىر قىلىنىدىغان ۋە ھەممەيلەنگە تېگىشىلىك بولغان ھەققى تولۇق بېرىلىدىغان ئاخىرەت كۈنىگە پۇختا ھازىرلىق قىلايلى!

باشقىلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سېلىشتىن، ئۆزىمىز ھەقلىق بولمىغان نەرسىلەرنى تەلەب قىلىشتىن ۋەكىشىلەرنى تېگىشلىك ھەق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىپ، زۇلۇم سېلىشتىن ئاللاھقا سىغىنىپ پاناھ تېلەيلى!

ئاللاھقا سەمىمىي بەندە، ئاتا ئانىسىغا ھۆرمەت قىلىدىغان پەرزەنت، مېھرى - شەپقەتلىك ئاتا ئانا ۋە ۋاپادار جۇپ بولۇشقا تىرىشايلى!

يارىتىلغانلارنى ياراتقۇچى ئۈچۈن سۆيەيلى ۋە مېھرى شەپقەت كۆرسىتەيلى!

ئاللاھ ھەمىمىزنى ھەق ھوقۇقلارغا رىئايە قىلىدىغان بەندىلەردىن قىلسۇن ئامىن!

 


[1] - بۇخارى، ناماز بابى، 51ھەدىس

[2] - ئىبنى ھەنبەل، 239بەت

[3] - سۈرە ئىسرا 23ئايەت

[4] - تىرمىزى، سىلە رەھىم بابى، 33ھەدىس

[5] - سۈرە نىسا، 93ئايەت

[6] - بۇخارى، بەدىئۇل ھەق بابى، 16ھەدىس

[7] - بۇخارى، مۇشەققەت بابى، 9ھەدىس

[8] - سۈرە زارىيات، 19ئايەت

[9] - تىرمىزى، قىيامەت سۈپەتلىرى بابى، 2ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر