مىيىت ئۇزۇتۇش نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/40 - 2018

1063154
مىيىت ئۇزۇتۇش نېمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا يۇقىرىقى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

«ھەرقانداق جان ئېگىسى ئۆلۈمنى تېتىيدۇ، ئاندىن بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىدۇ»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس - شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ: «مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدە 5 ھەققى بولىدۇ. سالامغا جاۋاب بېرىش، كېسەل بولغاندا زىيارىتىگە بېرىش، جىنازە نامىزىغا قاتنىشىش، مېھمانغا چاقىرغاندا قوبۇل قىلىش ۋە چۈشكۈرگىنىدە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ھايات ئىلاھىي بىر لۇتۇف بولغانغا ئوخشاش، ئۆلۈممۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەتتۇر. دۇنياغا كەلگەن ھەر قانداق ئىنسان تەقدىر قىلىنغان ئۆمرىنى تاماملىغاندا چوقۇم ئۆلىدۇ. ئىنسان مەيلى قەيەردە بولسۇن، مەيلى قانچىلىك قاچسا قاچسۇن، مەيلى قانچىلىك چارە ئىزدىسە ئىزدىسۇن، ئۆلۈم يەنىلا ئۇنى تاپىدۇ[3].

ئۆلۈم دۇنيادىن، ئاتا ئانىدىن، يار بۇرادەر، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىپ قويىدىغاندەك قىلسىمۇ، ئەسلىدە ئۇ، مۆئمىنلەرنى ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا سۆيگەن كىشىلىرى بىلەن قايتا ئۇچراشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر. ئاللاھقا بولغان بەندىچلىكىنى لايىقىدا ئورۇندىغانلار ئۈچۈن خاتىرىجەملىك ۋە بەختىيارلىققا تولغان يېڭى بىر ئەبىدىي ھاياتنىڭ ئىپتىداسىدۇر.

مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىزىنداشلىرىمىزنى ئاخىرەتكە ئۇزاتقىنىمىزدا، قىلىشقا تېگىشلىك دىنىي ۋە ئىنسانىي بىر تۈركۈم مەسئۇلىيەتلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىسى، ساكراتتىكى قېرىندىشىمىزنى يالغۇز قويماسلىق، ئاخىرىقى تىنىقىغىچە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش، ئۇ ئاڭلىيالايدىغان شەكىلدە كەلىمە تەييىبەنى ئۈنلۈك ئۆقۇپ بېرىش ئارقىلىق رۇھىنى ئاللاھقا تاپشۇرىدىغان چېغىدا كەلىمە شاھادەت بىلەن تاپشۇرۇشىغا ياردەمچى بولۇشتۇر. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە، «ئۆلۈش ئالدىدىكى كىشىگە <لا ئىلاھە ئىللاللاھ> (ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق) دېيىشنى تەلقىن قىلىڭلار» دېگەن ئىدى[4].

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! يېقىنىدىن ئايرىلغان كىشىنىڭ قەلبىدە ئازاب، كۆزىدە ياش بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۆۋەك ئۆغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغاندا، كۆز يېشى قىلغان ئىدى. بىراق ئۆلۈمنىڭ ئىبرەتلىك ئەشۇ ھەقىقەتلىرىگە دۈچ كەلگىنىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك ئېغىزىدىن مۇنۇ سۆزلەر تۆكۈلگەن ئىدى:

«كۆز ياشقا تولىدۇ، قەلب ئازاب چېكىدۇ. بىراق بىز رەببىمىز رازى بولىدىغان نەرسىدىن باشقا نەرسىنى ئېيتمايمىز. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئى ئىبراھىم! بىز سېنىڭ ۋاپاتىڭ سەۋەبىدىن ھەقىقەتەن ئازابلىنىۋاتىمىز»[5]

دەرھەقىقەت، ھاياتنىمۇ ۋە ماماتنىمۇ ياراتقۇچى ئاللاھتۇر. مۆئمىن قەلبىگە چۈشكەن ئازاب قانچە يېڭى ۋە قانچە چوڭ بولسا بولسۇن، پەريات، پىغان چېكىش ياكى ئىسيانكارلىق قىلماستىن، بىر كۈنى چوقۇم جەننەتتە ئۇچرىشىشقا بولغان ئۈمىت بىلەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدىغان ۋە ئاللاھتىن سەبىرچانلىق تېلەيدىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى «بىز ئاللاھقا ئائىتمىز ۋە ئاخىرى ئۇنىڭغا قايتىمىز»[6] دېگەن ئىلاھىي خىتابىغا بولغان قەتئىي ئىشەنچ بىلەن قەلبلىرىنىڭ دەردىگە داۋا، ئازابلىرىغا مەلھەم تاپىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ۋاپات بولغان كىشىنىڭ ئارقىدىن قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىلەردىن بىرسى ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەشتۇر.  قانداقلا كىشى ۋاپات قىلسا، ئۇنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىغا، دوست - خولۇم - قوشنا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا خەۋەر قىلىنىدۇ. ئەڭ يېقىن تۇغقىنى ياكى ئۇ ئۆزى تەيىنلىگەن كەسپ ئەھلى كىشى تەرىپىدىن مېيىتى يۇيىلىدۇ. ۋاپات قىلغۇچىنىڭ قەرزى بولسا، مۇمكىن قەدەر جىنازە نامىزى قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ماللار بىلەن تۆلىنىدۇ. ۋەسىيەت قالدۇرغان بولسا، كېچىكتۇرۇلمەستىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 

ۋاپات قىلغۇچى قېرىندىشىمىزنىڭ جىنازە نامىزىغا قاتنىشىش، پانى دۇنيادىن ئەبەدىي دۇنياغا ئۇزۇتۇش ئالدىدا، رەببىمىزدىن ئۇنىڭغا مەغپىرەت تېلەش، چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ۋەەزىپىمىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە: «جىنازە نامىزى ئوقۇغىنىڭلاردا، ۋاپات بولغۇچىغا سەمىمىي بىر شەكىلدە دۇئا قىلىڭلار»[7] دېگەن ئىدى.

دەرۋەقە، ئازابلار ئورتاقلاشقانسىرى ئازىيىدۇ. ۋاپات بولغۇچىنىڭ يىقىنلىرىغا تەزىيە بىلدۈرۈش، سەبىر تاقەت تېلەش ئىمانىي قېرىندىشلىقنىڭ تەقەزاسىدۇر. تەزىيە كېچىكتۈرۈلمەسلىكى لازىم. تەزىيە بىلدۈرگەن چاغدا ۋاپات قىلغۇچىنىڭ يېقىنلىرىنى نارازى قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىس - شەرىپتە «ۋاپات قىلغۇچىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئەسكە ئېلىڭلار، يامانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىشتىن قېچىڭلار»[8] دېگەن ئىدى.

ئەزىز مۆزمىن قېرىداشلار! يېقىنىنى يوقۇتۇپ قويۈپ، ئازاب ئىچىدە تۇرۇۋاتقان جىنازە ئىگىلىرىنىڭ تەزىيەگە كەلگەنلەرگە ئاۋارە بولۇپ، تاماق سۇنىشى مۇناسىپ ئەمەس. بەلكى ئۇرۇق - تۇغقان ۋە قوشنلىرىنىڭ جىنازە ئىگىلىرىگە ۋە يوقلاپ كەلگۈچىلەرگە تاماق سۇنىشى سۈننەتتۇر. چۈنكى مۇتە ئۇرۇشىدىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىيەنى جافەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ شېھىت بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، «جەفەرنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن تاماق تەييارلىغىن، چۈنكى ئۇلارنىڭ بېشىغا ئۇلارنى مەشغۇل قىلىدىغان ئەھۋال كەلدى»[9] دېگەن ئىدى.

ئەزىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «تەمنى قاچۇرىدىغان نەرسىنى، يەنى ئۆلۈمنى كۆپ ياد ئېتىڭلار»[10] دېگەن بولۇپ، ئېنىقكى، ئۆلۈمنىڭمۇ ۋەز ئېيتىدىغان، نەسىھەت قىلىدىغان ۋە ئاگاھلاندۇرىدىغان بىر تىلى بولىدۇ. جىنازە مۇراسىملىرى، ۋاپات قىلغۇچىغا دۇئا قىلىشىمىزغا ۋەسىلە بولغانغا ئوخشاش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىشىمىزغا ۋە ھاياتىمىزنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرىشىمزگىمۇ شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بىر كۈنى چوقۇم ئۆمۈر سەرمايىمىز تۆگەيدۇ. زەررەىچىلىك بولسىمۇ قىلغان ئەمەللىرىمىز بەدىلىنى كۆرىدۇ. بىزلەر مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رەببىمىزگە نىسبەتەن دائىم ياخشى گۇماندا بولۇمىز. ئۇنىڭ ئەپۇ مەغپىرىتىنى ۋە رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىمىز.  ئۆلۈمنىڭ ئىمانلىق قەلبىمىزگە ئەبىيدىلىك باھارنىڭ ئۈمىدىنى تىكىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەمدە يەنە، ئىسلامنىڭ توغرا يولىدىن ئايرىلماسلىققا، ھاياتىمىزنى سىراتەل مۇستەقىم ئۈستىدە ياشاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز. شۇنداق قىلالىغاندىلا ئۆلۈم ئاللاھنىڭ بىزگە يوللىغان ۋىسال سالامى ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئەبىدىيلىك يۇرتىغا ئاچقان ئىشىكىگە ئايلىنىدۇ.  

 


[1] - سۈرە ئەنكەبۇت، 57ئايەت

[2] - بۇخارى جىنازە بابى، 2ھەدىس

[3] - سۈرە نىسا، 78ۋە سۈرە جۈمە، 8ئايەتلەرگە قارالسۇن

[4] - مۇسىلىم، جىنازە بابى، 2ھەدىس

[5] - مۇسلىم، فەزائىل، 62ھەدىس

[6] - سۈرە بەقەرە، 156ئايەت

[7] - ئەبۇ داۋۇد، جىنازە بابى، 54ھەدىس ۋە ئىبىن ماجە، جىنازە بابى، 23ھەدىس

[8] - ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب بابى، 42ھەدىس ۋە تىرمىزى، جىنازە بابى، 34ھەدىس

[9] - تىرمىزى، جىنازە بابى، 21ھەدىس

[10] - نەسائىي، جىنازە بابى، 3ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر