19.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1693857
19.08.2021

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، ئافغانىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ دۆلىتىدىكى ئېتىبارى تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئافغانىستاننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنىنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كابۇلدىن ئايرىلغانلىقىنى ۋە يېنىدا پۇل كۆتۈرۈپ كەتكەنلىكىگە دائىر ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كابۇل ئايرودورۇمىدىكى ئاممىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھاۋاغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Zdf.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەنىڭ ئافغانىستاندىن 600 دىن ئارتۇق كىشىنى تارقاقلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹dpa.de› خەۋەرلەر تورى»،  ئامېرىكانىڭ تالىبان بىلەن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ard.de› خەۋەرلەر تورى»، كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىنىڭ ئۈچىنچى مىقدارىنى ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدا 20-سېنتەبىر باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، ئىتالىيە مافىيەسىنىڭ ئىككىنچى ئادرېس سۈپىتىدە ئىسپانىيەنى ماكان تۇتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «‹La Jornada› گېزىتى»، مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراندىكى باش ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئافغانىستانلىق پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پىرۇدا چىقىدىغان «‹El Comercio› گېزىتى»، كولۇمبىيەلىك ياللانما ئەسكەرلەرنىڭ ھايتى پىرېزىدېنتىنى قانداق ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى ۋە سۇيىقەستكە ئالاقىدار پۈتۈن تەپسىلاتلارنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسېن›  گېزىتى»، ئالجىرىيە ۋە ماراكەشنىڭ شەنبە كۈنىدىن باشلاپ كوۋىد-19 يۇقۇمىدا فرانسىيەنىڭ قىزىل تىزىملىكىگە كىرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، فىرانسىيەنىڭ ۋار رايونىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، شامال ۋە قۇرغاقچىلىقنىڭ ئوت ئۆچۈرۇشنى قىيىنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھازىرچە ئۈچىنچى مىقدار ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ زورۇر ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەپتە ئاخىرىدا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئافغانىستان توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹Rossiyskaya Gazeta› گېزىتى»، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ سوتلىنىشىغا قارىتا «پىلانلىق ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيەنىڭ ئاستراخان رايونىدا مەشىق جەريانىدا، «MiG-29» تىپلىق ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر