05.08.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1686007
05.08.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىراقتا چىقىدىغان «ئەل زامان گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ ئافغانىستانلىقلارنى ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا لايىھەسىنى تەنقىد قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، تۈركىيەدە 33 شەھەردە چىققان دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ 167 سىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن گېزىتى»، گىرېتسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملىتىشنى رەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، مېكسىكانىڭ ئامېرىكالىق قورال ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قارشى تۇنجى قېتىم قانۇنىي جەھەتتىن كۈرەش قىلىشنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ئامېرىكانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەملەتكەن ساياھەتچىلەرگە ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ژۈرگېن سچۇلتز (Jürgen Schultz) نىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قانداق شېرىكى ئەمەس، ئەمما ئالاھىدە بىر دۆلەت» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «داچلەندفۇڭك.دې» تورى (deutschlandfunk.de) تۈركىيە، گىرېتسىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن بەزى جايلاردا دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە بارغان ۋە مۇئەييەن شەرتلەرنى ئورۇنلىغان ئافغانىستانلىقلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىغا، ئەنقەرەنىڭ نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، دالا ئوت ئاپەتلىرىنىڭ يۇقىرى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى بىلەن بىرلىكتە ئاقدېڭىزدا ئاپەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىر مۇتەخەسسىسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ، بىز كىلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن كۆرىدىغان يېڭى نورماللىق ھېسابلىنىدىكەن.

مېكسىكادا چىقىدىغان «لا جورنادا گېزىتى» (La Jornada)، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ، مۇشۇ ئاي (2021-يىلى ئاۋغۇست) ئىچىدە مېكسىكادا باشلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «كلېيرىن گېزىتى» (Clarín)، ئارگېنتىنا ھۆكۈمىتىنىڭ «ئارىلاش ۋاكسىنا ئەملەش» كە رۇخسەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، « V سپۇتنىك » ۋاكسىناسىنىڭ بىرىنچى شىشىسىنى ئەملەتكەنلەرنىڭ، ئىككىنچى شىشە ئۈچۈن مودېرنا ياكى ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى ئەملەتسە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ۋېدوموستى گېزىتى» (Vedomosti)، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئىرېلاندىيە، نورۋېگىيە، ئېستونىيە ۋە ئالبانىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ رۇسىيەنى ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسېتيانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش قارارىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيەدە خەلقنى ئالتە ئايدا بىر قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ چاقىرىق قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر