08.07.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1672038
08.07.2021

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، كوۋىد-19 نىڭ دېلتا تۈرى ئىسپانىيەدە تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ھازىرغا قەدەر تۆت ئاپتونوم رايوندا بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Mundo› گېزىتى»، ئىسپانىيەدە يېڭى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ھۆكۈمەتنىڭ بولۇپمۇ جىددىي ۋە ئېغىر كرىزىس ئەھۋاللىرىدىكى سېتىۋېلىش خىزمەتلىرىنىڭ  ئوچۇق ئاشكارا بولىشىنى كونترول قىلىشنى بىكار قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ۋە  بۇنىڭ قانۇن لايىھەسىدە ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، ئۇرۇگۋاينىڭ مېركوسۇر (جەنۇبىي ئامېرىكا ئورتاق بازىرى) سىرتىدىكى ئۈچىنچى دۆلەتلەر بىلەن سودا كېلىشىملىرىنى مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە بىر توك يەتكۈزۈش لىنىيەسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىنغانلىقىنى يازدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ سايلانغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم بىر ئەرەب رەھبىرى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولغانلىقىنى ۋە 19-ئىيۇلدا ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، دۇبەيدىكى جەبەل ئەلى پورتىدا چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«‹t-Online› خەۋەرلەر تورى»، ئىتالىيەنىڭ سابىق چولپىنى مارىيون بالوتېللىنىڭ تۈركىيەگە يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە  يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە ئادانا دەمىرسپور كوماندىسىدا توپ ئوينايدىغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»،  «خىتاي 2020 – يىللىق ئېكسپورتتا گېرمانىيە ماشىناسازلىق شىركەتلىرىنى  ئارقىدا قالدۇرۇپ قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «‹Frankfurter Allgemeine Zeitung› گېزىتى»،  سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھېسابلىرى تاقالغاندىن كېيىن تۋىتتېر، فېيسبۇك ۋە گۇگۇل ئۈستىدىن ئەرز سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «<BFM.RU> خەۋەرلەر تورى»،  روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ: «ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ۋەزىپىسىنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى

رۇسىيەنىڭ «<Lenta.ru> خەۋەرلەر تورى»، سېرگېي لاۋروۋنىڭ «رۇسىيە بىلەن ياپونىيە تىنچلىق كېلىشىمى جەھەتتە، دىپلوماتىك ئالاقىسىنى تولۇق ساقلاپ قالالايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى،  سابىق مولدوۋا پىرېزىدېنتى ئىگور دودوننىڭ «دۆلەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشاش ئۈچۈن جىددىي قارارلارغا ۋە يېڭى ھۆكۈمەتكە ئېھتىياج بار» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»،  ھايتى پىرېزىدېنتى جوۋېل مويس قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، تۆت ياللانما ئەسكەر ئۆلتۈرۈلۈپ، ئىككىسى قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسېن›  گېزىتى»، فرانسىيە ھۆكۈمىتى باياناتچىسى گابرىئېل ئاتتالنىڭ ئاگاھلاندۇرۇپ: «كوۋىد-19 نىڭ دېلتا تۈرىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ھەر ھەپتە بىر قاتلىنىۋاتىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» ئېنگلاند كوماندىسىنىڭ دانىيە كوماندىسىنى 1 – گە قارشى 2 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر