30.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1667313
30.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىيوردانىيە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئىلتىماسلىرى 2020 – يىلى % 32 ئازايدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، پاكىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋاكالەتخانسىنىڭ،  «‹قۇددۇس ئەلەرەبىييە› تېلېۋىزىيەسى» گە بەرگەن باياناتىدا، پاكىستانلىق بىر ئەمەلدارنىڭ نويابىر ئېيىدا ئىسرائىلىيەدە مەخپىي زىيارەتتە بولغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلغانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇستا ۋەيرانچىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Deutsche Welle› خەۋەرلەر تورى»، «تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك  دەرىجىدە جانلىنىپ كەتتى. ئىيۇل ئېيىدا گېرمانىيەلىك ۋە ئەنگلىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە سەلدەك ئېقىشى مۆلچەرلەنمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹ زېيت.دې › خەۋەرلەر تورى» (Zeit.de)، بۇ يىل گېرمانىيەگە كۆچكەنلەر سانىدا 2019 – يىلىغا سېلىشتۇرغاندا % 24 لىك ئازىيىش كۆرۈلگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»، «ئېرىلاندىيە 5 – ئىيۇل <نورماللىشىش> پىلانىنى، ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ دېلتا ۋارىيانتى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈشنى قارارلاشتۇردى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ۋە ئىستىخباراتنى كۈچلەندۈرۈش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې پارىسىيىن› گېزىتى» (Le Parisien)، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ، سەھىيە ساھەسىدە تەتقىقات ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى ئۈچۈن بىرقانچە مىليارد ياۋرولۇق بىر پىلاننى ئېلان قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹لا ۋانگۇاردىيا› گېزىتى» (La Vanguardia)، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز ۋە كاتالونىيە رايونىنىڭ رەئىسى پېرې ئاراگونېسنىڭ، دىيالوگ ئورنىتىش ۋە سېنتەبىر ئېيىدا بارسېلونادا مۇزاكىرە ئۈستىلىنى قايتىدىن كۈچكە ئىگە قىلىش مەسىلىسىدە پۈتۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹ئىنفوبىيە› گېزىتى» (Infobae)، مودېرنا تەرجىبىخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ، «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى ۋۇخەن تىجرىبىخانىسىدىن چىقتى» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

كۇبادا چىقىدىغان «‹پرېنسا لاتىنا› گېزىتى»، كۇبانىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كۆچمەنلىك مۇزاكىرىلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «‹ب ف م.رۇ› خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ، قارادېڭىزدا قىرىم يېرىم ئارىلى ئەتراپىدىكى كېرچ بوغۇزىغا يېقىنلاشقان گوللاندىيە بايراقلىق ئېۋېرتسېن پاراخوتىنى رايوندىن يىراقلاشتۇرغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

رۇسىيەنىڭ «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» (TASS)، «<سويۇز> ناملىق راكېتا، (Progress MS-17)> يۈك پاراخوتى بىلەن بىرلىكتە قازاقىستاندىكى بايقونور ھەربىي بازىسىدىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قويۇپ بېرىلدى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر