15.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1658261
15.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ: «تۈركىيە قىسىملىرى لىۋىيەدە چەت ئەل كۈچى ئەمەس» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى»، ئىسىرائىلىيەدە نېتانياھۇ دەۋرىنڭ ئاخىرلشقانلىقىنى، باش مىنىستىرلىققا سايلانغان نافتالى بېننېت بىلەن يېڭى سەھىپەنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا رازون گېزىتى» (La Razón)، ئىسپانىيەنىڭ 2022-يىلى ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پېرۇدا چىقىدىغان «ئېل كومورسىيو گېزىتى» (El Comercio)، پېرۇدا سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، پايتەخت لىما كوچىلىرىدىكى قۇتۇپلىشىشنىڭ روشەنلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ، «ئەردوغان بىلەن بولغان كۆرۈشۈشىمىز  ئىجابىي ۋە ئۈنۈملۈك بولدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن گېرمانىيە باش مىنستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ بىريۇسسېلدا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، كانادالىقلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  ۋاكسىنالىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە ئۆسمۈرلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرىنىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 15-ئىيۇن) بەلگىلىك شەرتلەر ئاستىدا باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر