08.06.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1653829
08.06.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir)، مەسئۇل دائىرىلەرنىڭ بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا 2021-يىلى 9-ئىيۇندىن تارتىپ كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان ۋە سودا-سېتىق كوچىلىرىدىن باشقا جايلاردا ماسكا تاقاشنىڭ پۈتۈنلەي مەجبۇر بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى»  (Le Monde)، ئىسپانىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ئەملەتكەن ساياھەتچىلەرگە ئىشىكىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر گېزىتى»، لىۋاندا نېفىت ۋە ئېلېكتىر توختاپ قېلىشقا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىتتە يەنە، ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ ئىسىرائىلىيەنى قۇددۇستىكى ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەر قانداق ھەرىكەتتىن يىراق تۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز (Pedro Sánchez) بىلەن كاتولونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى پېرې ئاراگونېس (Pere Aragonès) نىڭ، يېڭى دىيالوگ ۋە كېلىشىم رامكىسى باشلاش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (Tagesschau.de)، گېرمانىيەدە پېنسىيە يېشىنىڭ 68 بولۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا، گېرمانىيەنىڭ ئىقتىسادىي كىرىزىسقا دۇچ كېلىشى مۇنازىرەلىرىنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر رۇندشاۋ گېزىتى» (Frankfurter Rundschau)، روبېرت كوچ ئىنىستىتۇتىنىڭ گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، خىتاينىڭ كورېيە يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن دىيالوگنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى»، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئۇنى بۇ يىل (2021)  يازدا ۋاشىنگتونغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «RBK» تېلېۋىزىيەسى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ، ئامېرىكانىڭ ئىسكاندىناۋىيەدىكى «شىمالىي قۇتۇب رىقابەت مەشىقى مانېۋىرى» (Arctic Challenge Exercise) غا قاتنىشىشىنى «ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ ئاتىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر