27.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1646617
27.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسپانىيەنىڭ «‹ئېل پائىس› گېزىتى»، «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى تەجرىبىخانا قازاسى نەزەرىيەسى كۈچلەنمەكتە» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «‹Infobae› گېزىتى»، ئىلگىرى ئىككى قۇتا سپۇتنىك V ۋاكسىنىسى ئەملەنگەن ئارگېنتىنانىڭ بىر ۋالىيسىنىڭ «كوۋىد – 19» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى يازدى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «‹TeleSur› گېزىتى»، كولومبىيەدە ساقچىلارنىڭ ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش ھەرىكىتى داۋامىدا ئونلارچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Tagesschau.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ، بېلارۇسىيەگە قارشى ئېمبارگولارنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش توغرۇلۇق قارار چىقارغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»، «شىۋېيتسارىيەگە خاس برېكسىت: شىۋېيتسارىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رامكا كېلىشىمى مۇزاكىرىلىرىنى توختاتتى» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايەل قەتەرىييە› گېزىتى»، قاتارنىڭ غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 500 مىليون دوللار ياردەم بەرگەنلىكىنى يازدى.

ئىيوردانىيە چىقىدىغان «‹ئەددۇستۇر› گېزىتى»، مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى:

 ئىيوردانىيە پادىشاھى 2 – ئابدۇللاھ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا، «كىرىزىسكە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ تېپىلماسلىقى، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتمەكتە» دېدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، ھاماسنىڭ سىياسىي بىيۇروسىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل ھەنىييەنىڭ، «<قۇددۇسنىڭ قىزىل سىزىقى> بارلىقىنى ۋە <مۇداخىلە قىلىش پىرىنسىپلىرىنى بېكىتىش ھوقۇقى> نىڭ بىزگەغ ئائىت ئىكەنلىكىنى ۋاشىنگتون بىلەن تېل ئاۋىۋغا يەتكۈزدۇق» دېگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈردى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو› گېزىتى»، «‹كوۋىد – 19› يۇقۇمىنىڭ ھىندىستان ۋىرىيانتى تېز يېيىلماقتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر كىرىزىستىن كېيىنكى دەۋرگە تەييارلىق قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، «فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون رىۋاندادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا، ئۇ بۇ زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى نورماشللاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋىرىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

«‹REGNUM› ئاگېنتلىقى»، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترى كۇلېبانىڭ، «شىمالىي ئېقىم – 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسىگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «‹ Kommersant› گېزىتى»، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جون كىربىنىڭ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ رۇسىيەنى دۈشمەن دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «<رىيا نوۋوستى> گېزىتى»، ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئەزەربەيجان چېگراسىدىكى گېرخارقۇنىق رايونىدا ،6 ئەرمېنىيە ئەسكىرىنىڭ ئەسىرگە چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر