20.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1642475
20.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ئەزاسى ئالېكسانجىيا ئوكاسىيو كورتېز (Alexandria  Ocasio-Cortez) نىڭ، ىسىرائىلىيەگە قورال سېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىرىشچانلىقلىرىغا باشچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، ئاۋستىرىيە پايتەختى ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىران يادرو سۆھبەتلىرىدە «ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى» دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كېلىشىم تۈزۈلۈشتىن بەكمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «تاگېشپىگېل گېزىتى» (Tagesspiegel)، گېرمانىيە ئائىلە مىنىستىرى فرانزىسكا گىفاي (Franziska Giffey) نىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن ھوقۇقىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، خىتايدىكى چەكلىمە سەۋەبىدىن كرىپتو پۇللار باھاسىنىڭ قاتتىق چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ھەر يىلى دانىيە چوڭلۇقىدىكى يامغۇر ئورمانلىرىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيە ماراكەشتىن چېگرا شەھەر سېئۇتاغا (Ceuta) ئىككى كۈن ئىچىدە كەلگەن مىڭلارچە مۇساپىرغا مۇناسىۋەتلىك كىرىزىسنىڭ، ياۋروپا ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ۋە ياۋروپانىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، ماراكەش ئارقىلىق مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلغانلىقىنى، ئەمما نۇرغۇن كىچىك بالىلارنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «ئېل ناتسىيونال گېزىتى» (El Nacional)، ۋېنېزۇئېلادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغان سەھىيە خادىملىرى سانىنىڭ 500 دىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچىنچى دۆلەتتىن كەلگەن ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەن يولۇچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، 2020-يىلى پۈتكۈل دۇنيادا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان كىشىلەر سانىنىڭ 500 مىليونغا يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ، رۇسىيەنىڭ قىرىم ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە بۇ مەنىنى بىلدۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار ھەر قانداق قەدەمنى چەكلەيدىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى قوللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (Tass)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيەدىن رۇسىيەلىك بىر دىپلوماتىيە خادىمىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر