10.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1637347
10.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىر نامزاتىنىڭ ئولاف شولز (Olaf Scholz) بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىدىن زاكاس بېرىشنى يېڭىلىمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيتسارىيەدە چىقىدىغان «لې ماتىن گېزىتى» (Le Matin)، ئامېرىكادا بىر تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدە يەتتە كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى»، ئىسپانىيە ئالىي سوتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) تەدبىرلىرى پىلانى» نى رەت قىلسا، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تەكلىپىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «كلېيرىن گېزىتى» (Clarín)، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېز (Alberto Fernández) نىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كۆپەيتكەن بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ پارلامېنتقا سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۈگۈن (2021-يىلى 10-ماي) قۇددۇسنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن توپلىنىدىغانلىقىنى، ئەرەب ئىتتىپاقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەتە (11-ماي) توپلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر قانال يەنە، تالىباننىڭ روزا ھېيت مەزگىلىدە ئۈچ كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)، س ن ن نتېلېۋىزىيەسىنىڭ ئامېرىكا كولونىيال پايپلاين (Colonial Pipeline) شىركىتىگە قىلىنغان تور ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا رۇسىيە خاككېرلىرىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)، چېخىيەنىڭ ۋربېتىستىكى پارتلاشلار ئۈچۈن رۇسىيەدىن مىليونلارچە دوللار تۆلەم تەلەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، « ۋول سترېت ژۇرنىلى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىندۈرىدىغان ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى رۇسىيە چېگراسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنىڭ قەيت قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر