07.05.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1635917
07.05.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى (DW)، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ (گېرمانىيە پايتەختى) بېرلىندىكى خىزمەت زىيارىتى جەريانىدا گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاس بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېششاۇ.دې» گېزىتى، گېرمانىيەدىكى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزگەنلەر بىلەن يۇقۇملىنىپ ساقايغانلارنىڭ ئاساسىي ھەق – ھوقۇق چەكلىمىسىدىن كەچۈرۈم قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «سۇئېددېئۇشې.دې» تورى، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ ۋاكسىنا پاتېنت ھوقۇقىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ 12-مايدىن باشلاپ دورا ئىشلەتكەندە ، «ياش چەكلىمىسى يوق» ۋاكسىنانىڭ ھەممەيلەنگە ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، لىئون شەھىرىگە يېقىن يەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 11 ئادەمنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيە بىلەن ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتنىڭ ئىسرائىلىيەدىن ئىشغال قىلىنغان پەلەستىن زېمىنىغا يېڭى ئولتۇراق رايونلارنى تەسىس قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەدىكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ، خېلىدىن بۇيان ساقلىتىپ قويۇلغان ئاسترا زېنېكا ۋاكسىناسىنىڭ 60 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ئەملىنىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى..

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ 13 – مايغىچە ئافغانىستاندىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلانىڭ «ئېل ناسىئونال» گېزىتى، بىرازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېرو شەھىرىدە يۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان يېڭى ۋارىيانتىنىڭ بايقالغانلىقىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، جەنۇبىي ئامېرىكانىڭ تارقىلىشچان كېسەللىكنىڭ بەرداشلىق كۈچى ئەڭ يۇقىرى ۋارىيانتىنىڭ بۆشۈكىگە ئايلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، قاتارنىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى بىرلا قېتىم ئەملىنىدىغان ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغانلىقىنى يازدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلى، ئىراننىڭ تۆتىنچى قېتىملىق ۋىيېننا سۆھبەتلىرى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، يادرو كېلىشىمى ئىمزالاشقا دائىر ئېنىق ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ قۇددۇسنىڭ شەيخ جەرراھ رايونىدا قورالسىز پەلەستىنلىكلەرنى ئۇرۇپ، ئىپتار داستىخانلىرىغا بۇزغۇنچىلىق سالغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېننىڭ (ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى) كىيېۋدىكى زىيارىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ ئىسلاھات قەدەملىرىنى قوللاش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «RBK» خەۋەرلەر تورى، (بىر تەرەپلىمە ھالدا ئۇكرائىنادىن مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان) لۇگانىسكى خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رايونغا ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئېھتىياج يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 4 ئېيىدا %19.4 ئېشىپ، 40 مىليارد دوللاردىن ھالقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر