30.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1631304
30.04.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان كوچىغا چىقىش چەكلىمىسىنىڭ 3 - مايدىن 30 - ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا تەدرىجىي بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، فىرانسىيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمى ھىندىستان ۋارىيانتىنىڭ «تۇنجى بىمارى»نىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ لىۋاندىكى سىياسىي داۋالغۇشنىڭ جاۋابكارى، دەپ قارىغان سىياسىيونلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە ۋە ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، پەلەستىن پىرېزىدېنتى مەھمۇد ئابباسنىڭ: «ئىشغال قىلىنغان قۇددۇس بولماي تۇرۇپ، سايلامغا كىرمەيمىز» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن ئاجراتتى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىراننىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە يادرو كېلىشىمى ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ياللانما ئەسكەرلەرنى لىۋىيەدىن چېكىنىشكە چاقىرغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «ھاندېلسبلات» گېزىتى، گېرمانىيەدە پۇل پاخاللىقىنىڭ، ئىستىمالچىلار باھاسىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە يەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «فرانكفورتېر ئالگېمېن زېيتوڭ» گېزىتى، مەركىزى گېرمانىيەگە جايلاشقان بېيوتېخنىكا شىركىتى — بېئونتېكنىڭ 12 ياشتىن يۇقىرى بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملىنىشى ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «dpa» گېزىتى، گېرمانىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى — لۇفتانسانىڭ بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىمۇ زىيان تارتقانلىقىنى دوكلات قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىسپانىيەلىكنىڭ ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىنىڭ ئىككىنچى قۇتىسىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا» گېزىتى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ھەقسىز پولىمېرازا زەنجىرسىمان رېئاكسىيە ئانالىزاتورى سىنىقى قىلىنىشى ۋە كوۋىد گۇۋاھنامىسى بېرىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ كارانتىن تۈزۈمىدىن كەچۈرۈم قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

مېكسىكانىڭ «مىلېنىئا» گېزىتى، (مېكسىكا ئاۋام پالاتاسى) پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ، گىرىم بۇيۇملىرىنى ھايۋانلاردا سىناق قىلغۇچىلارغا يەتتە يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىش توغرىسىدىكى قانۇن تەكلىپىنى ماقۇللىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتىنىڭ رۇسىيەگە قارشى قوللىنىلىدىغان تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنى تەستىقلىغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى،  گېرمانىيەنىڭ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىپ قالغاندا تاشلايدىغان قەدەملەرنى بېكىتكەنلىكىنى ئىگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ، تاجىكىستان چېگراسىدىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ 3 ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر