22.04.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1626344
22.04.2021

گېرمانىيەنىڭ «‹Zdf.de› خەۋەرلەر تورى»، گېرمانىيەدە كوۋىد-19 غا قارشى ئىلگىرىكىگە ئوخشاش تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇن بەلگىلىمىسىنىڭ پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «‹Welt.de› خەۋەرلەر تورى»، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ غەربنى رۇسىيەنىڭ قىزىل سىزىقىدىن ئۆتمەسلىكى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ ‹Sueddeutsche.de› خەۋەرلەر تورى»،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 1990-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 2030-يىلىغا بارغاندا پارنىك گازى قويۇپ بېرىش نىسبىتىنى %55 ئازايتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «‹ئەررايە› گېزىتى»، قاتارنىڭ تۈركىيە ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى  تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئىستانبۇل يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلى»، چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبىينىڭ ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېيىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەربىي كېڭەشنى رەت قىلغانلىقىنى ۋە خەلقئارالىق كۈچلەرنىڭ بولسا، تىنچلىققا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا چىقىدىغان «‹ئەلقۇدسۇل ئەرەبى› گېزىتى»، سۈرىيەنىڭ خىمىيەلىك قوراللارنى چەكلەش تەشكىلاتىغا ئەزالىقى «ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش جىنايىتى» سەۋەبىدىن توڭلىتىپ قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «‹El Pais› گېزىتى»، مادرىدتا 4 – مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك پارلامېنت سايلىمىدىن ئىلگىرى نەق مەيدان تارقىتىشتا يۈز تۇرانە مۇنازىرىلەشكەن نامزاتلارنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇمى مەزگىلىدىكى ئۆلۈم نىسبىتىنى بىر-بىرىگە قارشى ئىشلەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «‹El Universal› گېزىتى»، ھىدالگو ئىشتاتىدا ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ كەم دېگەندە 3 خىل كوۋىد – 19 ۋىرۇسى بايقىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكانىڭ «‹Milenio.com› خەۋەرلەر تورى»، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا ھاررىسنىڭ 6-ئايدا مېكسىكادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې موندې›  گېزىتى» كوۋىد -19 مەسىلىسىدە، فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ ئاسترا زېنېكا ۋاكسىنىسىغا بولغان ئىشەنمەسلىكنى يوقۇتۇشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «‹France 24› تېلېۋىزىيە قانىلى»، ئېممانۇئېل ماكروننىڭ چاد پىرېزىدېنتى ئىدرىس دەبىينىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «‹لې فىگارو›  گېزىتى»، ھىندىستاننىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىدە دۇنيا رېكورتىنى بۇزغانلىقىنى، مۇشۇ 24 سائەت ئىچىدە تەخمىنەن 315،000 مىڭ كىشىنىڭ كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹RIA Novosti› ئاگېنتلىقى»، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ فېدېراتسىيە مەجلىسىدە قىلغان سۆزىدە رۇسىيەگە قارشى ئىغۋاگەرچىلىككە تەييارلىق قىلىۋاتقانلارنى بۇ سىياسەتنىڭ سەلبىي ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، چېخ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياقۇپ قۇلخانەكنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان بارلىق چېخ دىپلوماتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قايتا قوبۇل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «‹TASS› ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ 10 نەپەر خادىمىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكانىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭمۇ موسكۋادىكى تۇرالغۇسىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر