29.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1610479
29.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قاتارنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيخ مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئال سانىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە ۋە لىۋىيەدىكى  ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتى،  ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھارغىنلىقنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلمۇستەقبەل» گېزىتى،  گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ: «كوۋىد  - 19 تەدبىرلىرى ئۈچىنچى دولقۇننىڭ يولىنى تورايدۇ» دېگەن سۆزلىرىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئاۋسترىيەدە چىقىدىغان «Die Presse » گېزىتى، گېرمانىيەنىڭ كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان تىرول ئۆلكىسىگە كىرىش چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «dpa» گېزىتى، باش مىنىستىر ئانگېلا مېركېلنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە يوليورۇق چۈشۈرۈپ، كوۋىد – 19 نىڭ ئۈچىنچى دولقۇنىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر قوللىنىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، بېلگىيەدە مىڭ نامايىشچىنىڭ لىجې شەھىرىگە يىغىلىپ، كوۋىد -19 چەكلىمىسىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمى ئەۋج ئېلىپ كەتكەن بىلگىيەنىڭ بۇ ھەپتە مەكتەپلەرنى تاقايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ رۇسىيەدە يازنىڭ ئاخىرىدا كوۋىد -19 چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك 2021- يىلى كەسپىنى ئۆزگەرتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەنىڭ «كراسنايا ۋېسنا» گېزىتى، تۈركىيە مۇھىت ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ «قانال ئىستانبۇل» تۈرىنىڭ قۇرۇلۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى،  كوۋىد -19 گە قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلغان AstraZeneca ۋاكسىناسىنى قايتا ئىشلىتىش قارارىدىن كېيىن، ئېنىقسىزلىقلار ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل مۇندو» گېزىتى، ئىسپانىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان سوتسىيالىستىك ئىشچىلار پارتىيەسى بىلەن ئۆكتىچى پۇقرالار پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ئوتتۇرا ئوڭچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ قايتا شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، ئېكۋادوردىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامدىن ئىككى ھەپتە كېيىن، ئۆكتىچى ئۈمىد بىرلەشمىسىنىڭ پىرېزىدېنت كاندىداتى ئاندرېس ئاراۋز ئوڭ قانات گىلېرمو لاسسودىن يەتتە نومۇر ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغانلىقىنى يازدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر