23.03.2021

بۈگنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1606657
23.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde) ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ ئىلدې فرانس (Ile-de-France) رايونىدا تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، خىتاينىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرش ئىشلىرىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى كەمسىتكەنلىكى ئۈچۈن فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلىنىڭ دۈشەنبە (2021-يىلى 22-مارت) كۈنى تارقاتقان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئۈچ بېمارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە بىرىدە، بەدەن ئورگانلىرىدا ئوخشىمىغان كېسەللىكلەر ۋە پىسخولوگىيەلىك مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈپ، بېمارلاردا ئېغىر سالامەتلىك مەسىلىلىرى پەيدا بولماقتا ئىكەن.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ياسالغان ۋە پىلان قىلىنغان ۋاكسىنالارنىڭ، ئىيۇن ئېيىدا ئىسپانىيە نوپۇسىنىڭ %70 نى ئەملەشكە يېتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «لا جورنادا گېزىتى» (La Jornada)، مېكسىكادا خىتاينىڭ سەنسىنو بىيولوجىكس (Cansino Biologics) شىركىتى ياسىغان ۋاكسىنالارنىڭ تارقىتىلىشقا باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە قانىلى، ئىسىرائىلىيەدە ئىككى يىل ئىچىدە تۆت قېتىم سايلام ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ: «تولۇق ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلمايدۇ» دەپ ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، تۈركىيەدە ئېچىلىدىغان ئافغانىستان-تالىبان كېيىنكى قېتىملىق يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ پىلانىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى؛ ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىش ئۈچۈن «ئەمەلىيەتچىل پىلان» تۈزۈشكە چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى»، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بوررېلنىڭ، موسكۋانىڭ بىريۇسسېلدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، ئەنگلىيەنىڭ رۇسىيەنى «ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ يادرو ۋە ھەربىي تەھدىت» دەپ قارايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«تاس ئاگېنتلىقى»، بۇلغارىيەنىڭ رۇسىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى خادىمىنى قارشى ئېلىنمايدىغان كىشىلەر دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە 72 سائەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر