19.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1604490
19.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئەنگلىيەنىڭ ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو پاراخوتلىرى زاۋۇتىنى كۈچەيتكەنلىكىنى يازدى.

ئوماندا چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئادەم ئۆلۈش ۋە كېسەللىكلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن ۋاكسىنىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلمۇستەقبەل» گېزىتى، قىزىل دېڭىزنىڭ مىسىر بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي مانېۋىرىغا سەھنە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «زۈددۇتچ زېيتۇڭ» گېزىتى، ياۋروپا دورا ئاگېنىتلىقىنىڭ، ئاسترازېنېكا ۋاكسىنىسىنىڭ پايدىسىنىڭ زىيىنىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «فىرانكفورت ئالگېمايېين» گېزىتى، گېرمانىيەنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىلەردە پىنسىيونېرلارنىڭ مائاشلىرىنىڭ ئۆستۈرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيەنىڭ «فوكۇس.دې» تورى، گېرمانىيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمىنىڭ ئەندىشە قىلارلىق دەرىجىدە تېز تارقىلىتۋاتقانلىقىنى، ئالاقىدار دائىرىلەرنىڭ، ئالاقىلىشىش نىسبىتى يۇقىرى بولغاچقا، ئۆزگىرىشنىڭ مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ چارشەنبە كۈنىدىن باشلاپ AstraZeneca ۋاكسىنىسىنى ئەملەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا» گېزىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بولىۋىيە سابىق پىرېزىدېنتى جېنىن ئانېز قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھازىرقى پىرېزىدېنت لۇئىس ئارسېدىن كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى يازدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، كوۋىد – 19 غا قارشى ئىككىنچى كۇبا ۋاكسىنا كاندىداتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچىنىڭ باشلانغانلىقىنى يازدى

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دائىمىي ۋەكىللىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن تور يىغىنىغا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دائىمىي ۋەكىلىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ، پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنىڭ، ھەرىكەتلەر ئارقىلىق دەلىللەنمىگەن «ئىسىم قويۇش» تىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، بۇلغارىيەدە بىر قانچە كىشىنىڭ رۇسىيەگە ۋاكالىتەن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى، پارىژدا يولغا قويۇلغان ئومۇمىي يول يۈرۈش چەكلىمىسى توغرىسىدا  ئۈچىنچى خىل ئۇسۇل قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇچرىشىشتا، ئاغزاكى تالاش - تارتىش يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيتسارىيەنىڭ «لې تېمپس» گېزىتى، دانىيەدە ساغلاملىق تەدبىرلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر