16.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1602165
16.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، نۇرغۇن دۆلەتلەردە ئاسترازېنېكا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنى ئەملەش توختىتىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيەدىمۇ مەزكۇر ۋاكسىنانى ئەملەشنىڭ تەدبىر مەقسىتىدە توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «تاگېسشاۋ.دې» تورى (tagesschau.de)، پاسكاليا دەم ئېلىشىنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، ئىسپانىيەنىڭ مالاكا ئارىلىغا ئالدىن تىزىملىتىش يۇقىرى پەللىگە چىققان گېرمانىيەدە، ھۆكۈمەتنىڭ ۋابا سەۋەبىدىن ساياھەت قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، پابلو ئىگلېسىياس (Pablo Iglesias) نىڭ ھۆكۈمەتتىكى مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، مادرىد ئاپتونوم ھۆكۈمىتى سايلاملىرىدا نامزات بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ھەر خىل قان ئۇيۇشۇش كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلۈشى بىلەن، ئىسپانىيەدىمۇ ئاسترازېنېكا شىركىتى ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Covid-19)  ۋاكسىناسىنى ئەملەشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىنى ئەملەشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننى ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرغانلىقىنى ۋە سۈرىيە ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ خىل پىلان سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىغا كاتۇشا ئوقلىرىنىڭ چۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتارنىڭ سۈرىيەدە ھەقىقىي ۋە كەڭ دائىرىلىك سىياسىي ئۆتكۈنچى ۋەزىيەتنىڭ يارىتلىشىنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde) پارىژنى قايتىدىن كارانتىن قىلىش مەسىلىسىنىڭ، پىرېزىدېنت ماكروننى ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە قىستاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ئەنگلىيەنىڭ سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىن تۇنجى قېتىم يادرو ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا زايوملىرىغا سېلىنغان مەبلەغنى 6 مىليارد 145مىليون دوللارغا چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «رېگنۇم گېزىتى» (Regnum)، رۇسىيەدە ئىككى كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقادا كۆرۈلگەن تۈرىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر