08.03.2021

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1597046
08.03.2021

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپالىقلارنى سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كېلىشىنى قوللاشقا چاقىرغانلىقىنى يازدى.

ئوماندا چىقىدىغان «ۋەتەن» گېزىتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكىدىنمۇ ئېغىر پىسخىكىلىق تەسىرى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەلمۇستەقبەل» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ۋۇخەن ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنى تەدرىجىي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» گېزىتى، گېرمانىيەدە ۋاكسىنا ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى؛ ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ مىليونلارچە قۇتا ۋاكسىناسى بار تۇرۇقلۇق، ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىتىنى بەلگىلەش سىستېمىسىدىكى قالايمىقانچلىق سەۋەبىدىن خەلقنى ۋاكسىنا ئەملەتكۈزۈشكە چاقىرالمايۋاتقانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ 8 - مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىدىن ئىلگىرى قىلغان سۆزىدە «پۇرسەت باراۋەرلىكى» نى تەكىتلەپ، ئاياللارنىڭ قارار چىقىرىش مۇساپىسىگە تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىئېگېل.دې» تورى، ياۋروپا كومىتېتى باشلىقى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېننىڭ 4 - ئايدىن باشلاپ ھەر ئايدا 100 مىليون قۇتا ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى كېلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەنىڭ «لا ۋانگۇاردىئا» گېزىتى، ئىسپانىيە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ، سەيشەنبە كۈنى ساياھەت ۋە سودا ساھەسى ئۈچۈن 110 مىليون ياۋرو ئاممىۋى ياردەم يۈرۈشلۈك پىلانىنى تەستىقلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى يازدى.

بولىۋىيەدە چىقىدىغان «لا پاگىنا» گېزىتى، بولىۋىيەدىكى ئۆلكە سايلىمدا ئۆكتىچىلەرنىڭ مەركىزىي رايونلاردا ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كۇبانىڭ «پرېنسا لاتىنا» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى دېلكى رودرىگۇز (ئايال)نىڭ بۈگۈن كۇبادا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، فىرانسىيەنىڭ سلوۋاكىيەگە 15000 قۇتا  AstraZeneca ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ئەۋەتكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، شىۋېيتسارىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدە، چايشاپ چەكلىمىسىنىڭ ئازراق بېلەت پەرقى بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «فىرانس-24» خەۋەرلەر قانىلى، ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ كوۋىد – 19 چەكلىمىلىرىنى بوشاشتۇرغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنىڭ ھەقىقىي قىممەت قاراش ۋە ئەخلاقنى قوغداشنىڭ ياخشى ئەنئەنىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، برېنت نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسىنىڭ 71 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتى، (نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا) ئامېرىكانىڭ SolarWinds يۇمشاق دېتالى ھۇجۇمىدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە رۇسىيە تورلىرىغا مەخپىي تور ھۇجۇمى قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر