01.12.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1537429
01.12.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «خاندېلسبلات» تورى (Handelsblatt)، تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ مۇشۇ يىل (2020) نىڭ ئۈچىنچى چارىكىدە %6.7 ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا قارشى ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«نىيۇ ساباھ گېزىتى»، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن قاراباغدا تىنچلىقنى قوللاشنى كېڭەيتىش تىرىشچانلىقلىرى توغرىسىدا كۆرۈشتۈم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئالجىرىيەدە چىقىدىغان «ئەلۋەتەن گېزىتى»، رۇسىيە بىلىم مەركىزىنىڭ 2021-يىلىدا ۋۇخەن ۋىرۇسى يۇقۇمىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ب د ت 2021-يىلى ئۈچۈن 29 مىليارد ياۋرولۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم چاقىرىقى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ، كاتالونىيە رەھبىرى چارلېز پۇئىگدېمونت (Carles Puigdemont) نى قايتۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىدە، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيە سەھىيە مىنىستىرىنىڭ باشقا ئايلارغا سېلىشتۇرغاندا، نويابىر ئېيىدا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىيا.رۇ» تورى (İzvestiya.ru) تورى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ دۆلەت دۇماسىغا مەمۇرلارنىڭ ئىككىنچى دۆلەتنىڭ پۇقرالىقىغا ئىگە بولۇشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «رېگنۇم گېزىتى» (Regnum)، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەربىيەلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن رۇسىيەدە ياسالغان «Mi-24 »، تىك ئۇچارىنى سېتىۋېلىشنى نىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «گازەتەم.رۇ» تورى (Gazetem.ru)، ئانتاليادا ئۆز-زېمىن سېتىۋېلىشتا رۇسىيەلىكلەرنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر