27.10.2020

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلانغان خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1516640
27.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇمماندا چىقىدىغان «ۋەتەن گېزىتى»، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغانلىقىنى ۋە مىليونلارچە كىشىنىڭ كەمبەغەللىك كاتېگورىيەسىگە كىرىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لىۋاندا چىقىدىغان «ئەل مۇستاقبال گېزىتى»، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، ئىراندا ھەر بەش مىنۇتتا بىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە بىر-بىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى بولغان 28- ۋە 29-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئۈچۈن ئېلان قىلغان دېڭىز مەشغۇلاتى ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دېر شپىيگېل گېزىتى» (Der Spiegel) ۋۇخەن ۋىرۇسى كارانتىن تەدبىرلىرىنىڭ پىسخولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «خاندېلسبلات گېزىتى» (Handelsblatt) گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋەقەلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى، پارىژنىڭ نۇرغۇن ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە فىرانسىيە مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئىسپانىيەدە كونگرە ئەزالىرىنىڭ باش مىنىستىر پېدرو سانچېز كونگرەنىڭ كونترولى سىرتىدا ئېلان قىلغان ئاگاھلاندۇرۇشنى «مۇۋازىنەتسىز » بولغانلىقى ئۈچۈن رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Paíís)، زېتا قۇيۇنىنىڭ مېكسىكانىڭ تۇلۇم بازىرىغا يېتىپ كېلىپ شىددەتلىك يامغۇرغا ۋە بورانغا سەۋەب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، ئىسلام دۇنياسىنىڭ فىرانسىيەنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ۋە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەرىكىتىنىڭ قوللاشقا ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestia)، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ ئافېنادا گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى، ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋە گىرېتسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىختىلاپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر