19.10.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1511698
19.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «شپىگېل.دې» تورى، ياۋروپادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ ئەمدى ھەقىقىي مەنىدە (تارقىلىشقا) باشلىغانلىقىنى، گوللاندىيە، چېخىيە ۋە شىۋېيتسارىيەدىكى يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ رېكورت يارىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، «ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دۇنيا سىياسىتىنى قانداق ئۆزگەرتتى؟» سەرلەۋھىسىدە ئانالىز ئېلان قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ard.de» گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق دېھقانچىلىق سىياسىتى ئوتتۇرىغا قويۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى يازدى.

قاتارنىڭ «ئەلجەزىرە» قانىلى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە شەھىرىدىكى پۇقرالارنىڭ بومباردىمان قىلىنىشىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە فىرانسىيەدىن تەركىب تاپقان مىنىسكى گۇرۇھىنى ئەرمېنىيەنىڭ تەرىپىدە تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

لوندوندا ئەرەبچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ بەھرەيىن بىلەن تولۇق دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

ئىيوردانىيە چىقىدىغان «ئەددۇستۇر» گېزىتى، دۇنيا بانكىسىنىڭ، ۋۇخەن ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋاكسىنىسى ئۈچۈن 12 مىليارد دوللار مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ئېل پائىس» گېزىتى، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدە پايتەخت مادرىدتىكى «ئاگاھلاندۇرۇش ۋەزىيىتى» نىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسىلىسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان بىرەر پىلانىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بولىۋىيەدە چىقىدىغان «ئېل دىئارىئو» گېزىتى، 7 مىليون 300 مىڭ بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ بولىۋىيە دېموكراتىيەسىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى يازدى.

چىلىدا چىقىدىغان «لا تېرسېرا» گېزىتى، چىلىدىكى يۈرۈش ۋە نامايىشلار جەريانىدا ئىككى چېركاۋغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى، ئىش – خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ بولاڭ – تالاڭ قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، (فىرانسىيە پىرېزىدېنتى) ئېمانۇئېل ماكروننىڭ تېز سۈرئەتتە <كونكرېت قەدەملەر>نى تاشلايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە پەسىللىك تەتىلدىن كېيىن مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې پارىسىئېن» گېزىتى، (ئاشقۇن ئوڭچىل مىللىي بىرلىك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى) مارىنا لې پېننىڭ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دونالد ترامپنى چەكلىك دائىرىدە قوللىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بېلگىيەنىڭ «لې سوئىر» گېزىتى، ھەر ئىككى بېلگىيەلىكنىڭ بىرىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى كېچىپ ئېلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاسس» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، تۈنۈگۈن كېچە ۋە دۈشەنبە ئەتىگەندىن بۇيان تاغلىق ئەتراپىدىكى بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئەرمېنىيە تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئابۇنىتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇسىيەنىڭ «كوممېرسانت» گېزىتى، ئەزەربەيجان پرېزىدېنتىنىڭ، قاراباغدىكى 13 يېزىنىڭ كونتروللۇقىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان راكېتا لايىھەلەشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر