01.10.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1500864
01.10.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، «بىلىم ئادەملىرى فىرانسىيەنىڭ ‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› (Kovid-19) غا قارشى يولغا قويغان ئىستراتېگىيەلىرىگە قانداق قارايدۇ؟» سەرلەۋھىسىدە خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، مارسىليا ۋە ئاكس (Aix) شەھەرلىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان قاۋاقخانا ۋە رېستورانلارنى تاقاش قارارىنى سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ب د ت پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم ۋە خىزمەت ئاگېنتلىقى (UNRWA)، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مالىيە جەھەتتىن جىددىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەددۇستۇر گېزىتى»، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەرەب ئىتتىپاقى-خىتاي يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە گېزىتى»، قاتار خەلقى شەيخ ساباھ ئەل ئەھمەتنىڭ غىيابى نامىزىنى ئوقۇيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ئىسپانىيە باش مىنىستىرى پېدرو سانچېز (Pedro Sánchez) نىڭ سوتنىڭ كۈچىنى يېڭىلاش ئۈچۈن بەزى قانۇنلارغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش كېرەك، دەپ ئويلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەزكۇر گېزىت يەنە، ئىسپانىيە سەھىيە مىنستىرى سالۋادور ئىللا (Salvador Illa) نىڭ %70 مادرىد خەلقىنىڭ كارانتىن قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە يەنە يەتتە چوڭ شەھەرنىڭمۇ كارانتىن قىلنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى  ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر گېزىتى»، 2020-يىلى كولومبىيەدە  ئۆتكۈزۈلگەن جىنايەتلەردە 260 كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى؛ بۇ رەقەمنىڭ ئۆتكەن يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە يۇقىرىلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا تۈركىيە-شەرقىي ئاقدېڭىز رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگنېتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ تاغلىق قاراباغ ۋە بېلارۇسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «كوممېرسانت گېزىتى» (Kommersant)، رۇسىيەلىك سياسەتچى ئالېكسېي ناۋالني (Alexei Navalny) نىڭ گېرمانىيەنىڭ «دېر شپېيگېل» ژۇرنىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، دېيىلىۋاتقان زەھەرلىنىشنىڭ ئارقىسىدا پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ بارلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، رۇسىيەدە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭ %46 نىڭ بالىلىق بولۇشنى ئويلىمايدىغانلىقىنى؛ بۇنىڭدا، ماددىي ۋە سەھىيە مەسىلىلىرىنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا جەمئىيەتتە بىر ئورۇنغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويۇش قورقۇنچىنىڭمۇ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.     



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر