17.09.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1492230
17.09.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەلجەزىرە قانىلى تۋەندىكى مەلۇماتلارغا ئورۇن ئاجراتتى:

تۈركىيە بىلەن رۇسىيە لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يېقىنلاشتى. لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى فايىز ئەل سەرراج ھاكىمىيەتنى كېلەر ئاي يېڭى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەل شەرق» گېزىتى، ئەنگىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن نورماللىشىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە بەھرەينگە قارشى بايقۇت ئېلان قىلىشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى يازدى.

ئىيوردانىيەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر» گېزىتى،  يەھۇدىي كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا دەخلى-تەرۇز قىلىشلىرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ئىشغالىيەتچى قىسىملارنىڭ قۇددۇستا 6 پەلەستىنلىك ئائىلىنى ئۆيلىرىنى چېقىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لې فىگارو گېزىتى،  باي دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئالدىدا تۇرغان كوۋىد -19 ۋاكسىناسىنىڭ يېرىمىنى ئۆزلىرىگە ئايرىپ قويغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لې موندې گېزىتى،  فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ بۇ يىل %10 تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

لېبېرىشىن گېزىتى،  كوۋىد -19 سەۋەبىدىن فىرانسىيە مائارىپ مىنىستىرى ژان-مىشېل بىلانكېرنىڭ 81 مەكتەپنىڭ تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېلمۇندو» گېزىتى، كوۋىد -19 يۇقۇملىنىشىنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن، ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتىكى «ئىفېما» دوختۇرخانىسىنى قايتىدىن ئېچىشقا تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «El Universal» گېزىتى،  ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «تېخى قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىش بار» دېگەنلىكىنى ۋە مېكسىكانى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلەپچىرىدىغان ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كولۇمبىيەدە چىقىدىغان «El Tiempo» گېزىتى، كولۇمبىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ قارىشىچە، كوۋىد -19 نىڭ ئىككىنچى دولقۇنى بىرىنچى قېتىملىقىغا ئوخشاش ئەجەللىك بولمايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ سىن يىغىنى ئارقىلىق شەرقىي ئادېڭىز مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Tagesschau» گېزىتى، گېرمانىيەدە ئىرقچى ئۇچۇرلارنى تارقاتقان 29 نەپەر ساقچى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Handelsblatt» گېزىتى،  گىرېتسىيەنىڭ 10 مىليارد ياۋرولۇق قوراللىنىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«TASS» ئاگېنتلىقى، فوربېس ژورنىلىنىڭ تىزىملىكىنى مەنبە كۆرسىتىپ،  لۇكويىل نېفىت شىركىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شىركىتى بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«RIA Novosti» تورى،  پولشانىڭ 2010 - يىلى رۇسىيەنىڭ سمولېنسك شەھىرىدە (ئەينى ۋاقىتتىكى پۇرېزىدېنت لېچ كاچىنسكىنىڭ ئۆلۈمىگگ سەۋەب بولغان) ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى جەريانىدا ئىشلەۋاتقان كونتىرول مۇنارى خادىمىنىڭ قولغا ئېلىشنىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«RBK» گېزىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيە ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ دېلوسىغا چېتىشلىق بارلىق جاۋابكارلارنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى ۋاقىتلىق مۇسادىرە قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر