08.09.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1486931
08.09.2020

«Al-Quds Al-Arabi» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ (ژۇرنالىست) جامال قاشىقچىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن 8 كىشىگە ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقارغانلىقىنى، ئۇلاردىن 5 كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «Al-Raya» گېزىتى،  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش كېلىشىمى ئۈچۈن 22 – سېنتەبىردە ئىسرائىلىيەگە تۇنجى رەسمىي زىيارىتىنى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىيوردانييەدە چىقىدىغان «ئەددەستۇر» گېزىتى،  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ، «بىز 2021 - يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇرۇن كوۋىد-19 يۇقۇمىغا قارشى ئۈنۈملۈك ۋاكسىنانىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئۈمىد قىلالمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئادىل، تەرەپسىز ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Deutschlandfunk.de» تورى، پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتلىرىنىڭ گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىغا 13000 بوش ئورۇندۇقتى تىزىپ، ياۋروپا چېگراسىدىكى ئىنسانىي پاجىئەلەرنى توختىتىش ۋە گىرېتسىيەدىكى پاناھلانغۇچىلار لاگېرىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا چاقىرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«tagesspiegel.de» تورى، گېرمانىيە ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ۋىرۇس كرىزىسى ئاپتوموبىل سانائىتىنى باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچراتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو» گېزىتى، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»نىڭ  12-سېنتەبىر شەنبە كۈنىدە نامايىش ئۆتكۈزۈش چاقىرىقى ئالان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې پارىسېن» گېزىتى، ۋىترىدا، سانوفى دورا شىركىتىنىڭ سېتىش باھاسى «10 ياۋرودىن تۆۋەن» كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې» گېزىتى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ فىرانسىيەدە تېز تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

چىلىدە چىقىدىغان «La Nacion» گېزىتى، (سابىق بېرازىلىيە پىرېزىدېنتى) لۇلا دا سىلۋانىڭ (ھازىرقى پىرېزىدېنت) جايېر بولسونارونى «كوۋىد-19 نى دۆلەتتە  بىر يوقىتىش قورالىغا ئايلاندۇرۇۋالدى» دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Pais» گېزىتى، ئىسپانىيەنىڭ يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان تۇنجى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتى بولۇپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەنىڭ «ABC» قانىلى، كوۋىد-19 نىڭ ئۆپكە ۋە يۈرەكتە قالدۇرغان تەسىرىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ياخشىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رېگنۇم خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىناسىنىڭ ئاممىنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇنۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«RİA Novosti»  ئاگېنتلىقى، بېلورۇسىيە ئۆكتىچىلىرى ماسلاشتۇرۇش كېڭىشىنىڭ ئەزاسى مارىيا كولېسنىكوۋانىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدىن ئۆتمەكچى بولغاندا قولغا ئېلىنغانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«TASS» ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئۆكتىچىسى ناۋالنىينىڭ زەھەرلەنگەنلىكى توغرىسىدا گېرمانىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىشتىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر