08.07.2020

تۆۋەندە بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1451263
08.07.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى،  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى تەكىرتاغ پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا شەنتوپنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز تاشلاشتا 328 ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ئا ر د.دې» (ard.de) خەۋەرلەر تورى، ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ستېرن.دې» (Stern.de) تورى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنى قوللاش نىسبىتىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، ب د ت نىڭ سۈرىيەدىكى نورمال ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ تۈركىيەدىن بارىدىغان ياردەملەرگە باغلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇمماندا چىقىدىغان «ۋەتەن گېزىتى»، ئىراقنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ھىشام ئەل ھاشىمىغا سۈيىقەست قىلغانلارنىڭ پىشىنى قويۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، ھۆكۈمەتنىڭ ساناتورىيەلەردىكى ئۆلۈم سانىنى 27 مىڭ 359 دەۋاتقانلىقىنى، بىراق نۇرغۇن شەھەردىكى ئۆلۈم سانىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتكە ئېلان قىلمىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل مۇندو گېزىتى» (El Mundo)، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاتالونىيە ئۇنىۋېرستېتىغا كىرىش ئىمتىھانىدا قىلىنغان «ئايرىمىچىلىق» نى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. چۈنكى ئىمتىھانغا ئىسپانچىدىن قاتناشماقچى بولغانلار «ئىسپانچىدىن ئىمتىھان بېرىمەن» دېيىشكە مەجبۇر بولغان.

«24-فرانس» قانىلى فىرانسىيەدە يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى بولسونارونىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Covid-19 ) بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ئامېرىكانىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ر ب ك»  (RBK) خەۋەرلەر تورى، خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى ئازايتىش سۆھبىتىگە، ئامېرىكا يادرو قوراللىرىنى خىتاينىڭ سەۋىيەسىگە چۈشۈرسە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)،  روسكوسموس (رۇسىيە دۆلەتلىك ئالەم ئىشلىرى ئىدارىسى) نىڭ مەسلىھەتچىسى ئىۋان سافاروۋ (İvan Safronov) نىڭ چېخىيەگە جاسۇسلۇق قىىلش ئەيىبلىنىپ تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس» (TASS) ئاگېنتلىقى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە گېرمانىيە بىلەن بېلگىيە تەرىپىدىن سۇنۇلغان «سۈرىيەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشى» دېگەن تېمىدىكى لايىھەنى رەت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر