01.07.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1446818
01.07.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «ۋېلت.دې» (Welt.de) تورى، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى  ئاننېگرېت كرامپ كاررېنبوۋا (Annegret Kramp-Karrenbauer) نىڭ، دۆلەت ئىچىدە ئاشقۇن ئوڭچى ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن، ئارمىيە ئىچىدىكى ئالاھىدە زەربىدارلار قىسمىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشقا ۋە بىر قىسمىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى 2020-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ 14 دۆلەتكە چېگرالىرىنى ئېچىشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، گېرمانىيەدە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى، يەنى بىر سائەتلىك ئىش ھەققىنىڭ 9.35 ياۋرودىن قەدەممۇ قەدەم ھالدا 10.45 ياۋروغا ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى قوشۇۋېلىش پىلانىغا قارشى تۇرۇش ۋە بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنى مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىش ئۈچۈن سىياسىي ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قاتار پايتەختى دوھادا ب د ت ئىشخانىسىنى ئېچىش ئۈچۈن مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى ئامېرىكادا تونۇلغان بىر مۇتەخەسسىسنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرگە رىئايە قىلىشتىكى بىپەرۋالىق سەۋەبىدىن خەتەرلىك يۆنۈلۈشكە قاراپ مېڭىشقا قارشى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بىلىنىشىچە، ئالجىرىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك كۈنلۈك ۋەقە سانلىرى رېكورت سەۋىيەگە چىققان.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El País)، بۇ يىل (2020) نىڭ تۇنجى چارىكىدە ئىسپانىيە ئىقتىسادىدا تارىخىي تۆۋەنلەش كۆرۈلۈپ %5.2 كە تۆۋەنلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيە گېزىتى» (Infobae)، ئارگېنتىنادا بۇ يىل (2020) دېكابىر ئېيىدا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سانىنىڭ كۆپىيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيەدىن ۋۇخەن ۋىرۇسى كىرىزىسىغا قارشى چىقىش يولى تېپىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 17-مارتتىن تارتىپ تاقالغان چېگرالىرىنى 14 دۆلەتكە ئېچىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكانىڭ يوقلۇقى ئەسكەرتىلدى.

«24-فرانس» قانىلى ئايرباس (Airbus) شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى كىرىزىسى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار تۈپەيلىدىن فىرانسىيەدە 5 مىڭ خىزمەتچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 مىڭ خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ر ب ك» (RBK) خەۋەرلەر تورى، نىيۇ يورك تايمېس گېزىتىنىڭ رۇسىيەنىڭ تالىبان بىلەن «كېلىشىم» تۈزگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى» (İzvestiya)، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى مېلىسا ۋۇينوۋىچ (Melisa Vuynoviç) نىڭ رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«گازەتە.رۇ» (Gazeta.ru) خەۋەرلەر تورى، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندېر لۇكاشېنكو (Aleksander Lukaşenko) نىڭ، رۇسىيەنىڭ رجېۋ (Rjev) شەھىرى ئەتراپىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر