30.06.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1446103
30.06.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)،  پارىژدا ئىقامىتى ۋە ھېچقانداق رۇخسىتى بولمىغان 70 نەپەر ياش كۆچمەننىڭ چېدىر قۇرغانلىقىنى  خەۋەر قىلدى.

بېلگىيەدە چىقىدىغان «لۆسۋا گېزىتى» (Le Soir )، گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننىڭ ياۋروپادا «كەمەر چىڭىتىش سىياسىتى» نى باشلايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «بىلد.دې» (Bild.de) تورى، گېرمانىيەدە ھېچكىمنىڭ يۇقۇم قائىدەلىرىگە رىئايە قىلمايۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ۋېنېزۇئېلانىڭ ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە، ئامېرىكا باش ئەلچىسىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ئا ر د.دې» (ard.de) تورى، مېركېل خانىمنىڭ گېرمانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇشتىن ئىلگىرى، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى بېرلىندا كۈتۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئىرانغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگونىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، بۈگۈن (2020-يىلى 30-ئىيۇن) بىريۇسسېلدا سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە مۇناسىۋەتلىك كونفېرانسنىڭ باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لاگۇاردىيا گېزىتى» (La Vanguardia)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2020-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ 15 دۆلەتكە چېگرالىرىنى ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە بىرازىلىيەنىڭ بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا گېزىتى» (Infobae)، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو قارارىدىن كېيىن، كاراكاستىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەكىلىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ۋلادىكاۋكاز (Vladikavkaz ) دىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «تاس ئاگېنتلىقى» (TASS)،رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئامېرىكانىڭ يادرو سىناقلىرىنى قايتىدىن باشلاشنىڭ ئالدىنى ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«تاس ئاگېنتلىقى» يەنە، ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى تېخىمۇ چىڭىتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر