16.06.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1436888
16.06.2020

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «شپىيگېل.دې» تورى (Spiegel.de)، گېرمانىيەلىك ساياھەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەرگە قارىتىلغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ مىياردلارچە دوللار زىيانغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung )، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسېنا تەتقىق قىلىۋاتقان «كىيۇر ۋاك» (CureVac) شىركىتىگە پايچېك بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ھاماسنىڭ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى قوشۇۋېلىش پىلانىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلجەزىرە قانىلى»، مەركىزى شىۋېتسىيەگە جايلاشقان خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ، ئىسىرائىلىيەنىڭ 90 يادرو ئوق بېشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا ئەرەبچە چىقىدىغان «ئەل قۇددۇس ئەلئەرەبى گېزىتى»، كانادادا ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغانلارنىڭ ياغلىق چېگىشىنى چەكلەيدىغان قانۇنغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى قولغا كىرگۈزۈۋالماقچى بولغان ئىسيانچى ھافتەر ئىشغال قىلغان رايونلاردىكى كوللېكتىپ مازارلارنى تەكشۈرۈش توغرىسىدا خەلقئارادىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، فىرانسىيەدە سەھىيەدە خىزمەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بېسىم قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى  (Kovid-19 ) كىرىزىسىنىڭ قەھرىمانلىرى بولغان سەھىيە خاىملىرىنىڭ مائاشىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، پىرېزىدېنت ماكروننىڭ بۈگۈن (16-ئىيۇن) ۋاكسېنا ئىشلەپچىقىرىشنى قوللاش ئۈچۈن لېئوندىكى «سانوفى» (Sanofi)  دورا شىركىتىنىڭ زاۋۇتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» تورى (Lenta.ru)،  رۇسىيەنىڭ 13 شەھىرىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن زەپەر كۈنى پائالىيەتلىرىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا گېزىتى»، رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەتلىك تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ۋە مىكرو بىئولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسېناسىنىڭ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر