28.05.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1425052
28.05.2020

 

فرانكفۇرتېر رۇندشاۋ گېزىتى، گېرمانىيەدىكى يۇقۇم كرىزىسى ھەققىدە باش مىنىستىر مېركېلنىڭ نورماللىشىشنىڭ ناھايىتى تېز بولىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Welt.de» خەۋەرلەر تورى، يۇقۇم ۋە ئىقتىسادى كرىزىسقا قارىتا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ 750 مىليارد ياۋرولۇق ياردەم مەبلىغى تەييارلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Spiegel.de»  خەۋەرلەر تورى، فىرانكفورت كىتاب يەرمەنكىسىنىڭ يۇقۇمغا پىسەنت قىلماستىن  10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Pais» گېزىتى، ئىسپانىيەدە يۇقۇم سەۋەبىدىن بالنېشتقا ئېلىنغان ھەر بەش بېماردىن بىرسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «لا ۋانگارديا» گېزىتى، ياپونىيە ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى نىسسان شىركىتىگە تەۋە ياۋروپادىكى ئەڭ يېڭى زاۋۇت ھېسابلىنىدىغان بارسېلونا قۇراشتۇرۇش زاۋۇتىنىڭ تاقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېزۇئېلا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى،  ۋېنېزۇئېلا بىلەن ب د ت نىڭ ئەنگىلىيە مەركىزى بانكىسىغا دورا ​​سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئالتۇن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى تۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

كۇۋەيتتە چىقىدىغان «ئەلۋەتەن» گېزىتى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى تاقايمىز» دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Aljazeera.net» تورى، روسىيەنىڭ ھافتەر قىسىملىرىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن لىۋىيەگە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن فىرانسىيەنىڭمۇ سۈرىيە سىنارىيەسىنىڭ لىۋىيەدىكى تەكرارلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Alquds Alarabi» گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئايال پائالىيەتچىنى قولغا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Le Parisien» گېزىتى، يۇقۇم سەۋەبىدىن فىرانسىيەدىكى چەتئەل مەبلەغلىرىنىڭ 2020-يىلىدا ئاساسەن دېگۈدەك توڭلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«لې فىگارو» گېزىتى،  شىۋېتسىيەدە كارانتىناغا ئېلىنمىغانلارنىڭ  قازا قىلىش نىسبىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى  پەللىگە چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«تاس خەۋەر ئاگېنتلىقى» پۇتىننىڭ «بىز موسكۋادا يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئېغىر سىنارىيەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۇتتۇققا ئېرىشتۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Lenta.ru» خەۋەرلەر تورى، موسكۋا شەھەر باشلىقى سوبيانىڭ كارانتىنا ۋاقتىنى 14-ئىيۇنغىچە ئۇزارتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئىزۋېستىيا» گېزىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋنىڭ «غەربتە تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا رۇسىيەدىن ياردەم سوراش مەنئى قىلىنماقتا» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر