22.05.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

1421873
22.05.2020

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لوندوندا ئەرەبچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلقۇددۇس ئەلئەرەبى» گېزىتى، دۇبەي سودا باشقارمىسى ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) كىرىزىسى يۈزىسىدىن ئەمىرلىك شىركەتلىرىنىڭ %70 ىنىڭ ئالتە ئاي ئىچىدە تاقىلىپ كېتىشىنى تەخمىن قىلىۋاتقانلىقىنى يازدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، تۈركىيە ھافتەرنى (لىۋىيەدىكى) مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«ئەلجەزىرە» قانىلى، قاشىقجىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئاتىسىنىڭ قاتىللىرىنى ئەپۇ قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەنىڭ «faz.de» تورى، ۋۇخەن ۋىرۇسى مەزگىلىدىكى سەيلە – ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدە، تۈركىيە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوينىڭ «تۈركىيە تاللىنىدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولىدۇ» دېگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيەنىڭ «Bild.de» گېزىتى، لىۋېرپۇل كوماندىسى دىرېكتورى يۈرگېن كلوپنىڭ 25 مىليون ياۋرو تەكلىپ سۇنۇپ، تۈرك ۋارتاچى ئۇغۇرجان چەلىكنى يۆتكەپ كېتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «Focus.de» تورى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنگلىيە دورا ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھىغا كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسى ئۈچۈن 1 مىليارد دوللار بېرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ۋېنېسۇئېلادا چىقىدىغان «تېلېسۇر» گېزىتى، پىرېزىدېنت مادۇرونىڭ كارانتىننى يۇمشىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيەنىڭ «لې موندې» گېزىتى، دونالد ترامپنىڭ دىپلوماتىيەسى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا شەرقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن بىر سىياسىي ۋىرۇسقا دۇچار بولۇش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

فىرانسىيەنىڭ «لې فىگارو» گېزىتى، فىرانسىيەدە ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلىنىۋاتقان مەھەللىي سايلاملارنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ، ساغلاملىق ۋەزىيىتى يار بەرگەن تەقدىردە، 28 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى يازدى.

«لې تېمپس» گېزىتى، ئىقتىسادىي داۋالغۇشقا قارىماي، خىتاينىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ئۈستىدىن «غەلىبە قىلغانلىقى»نى تەبرىكلەۋاتقانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «ئىزۋېستىئا» گېزىتى، رۇسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ۋاسىلىي نېبېنزيانىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى يىغىنىدا ئۇكرائىنانىڭ قىرىمنى ئۆزىنىڭ خاتالىقى يۈزىسىدىن قولدىن چىقىرىپ قويغانلىقىى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىئا نوۋوستى» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن مۇھىم قورال سۆھبەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيەنىڭ «لېنتا.رۇ» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئىككىنچى دولقۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر دېگەندىمۇ يازنىڭ ئاخىرلىرىدا باش كۆتۈرۈشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر