14.05.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1417298
14.05.2020

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى،  «ياۋروپا قىرغاقلىرى ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ» سەرلەھىلىك خەۋىرىدە، ياۋروپادا ياز پەسلىدە ساياھەتكە تەييارلىق قىلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئاق دېڭىز قىرغاقلىرىدىكى تەتىل دۆلەتلىرىدە ھەرىكەتلىنىش باشلانغانلىقىنى يازدى.

«Spiegel» گېزىتى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈزدە بارلىق مەكتەپلەرنى ئېچىشنى پىلانلىغانلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Alquds Alarabi» گېزىتى،  بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ سۈرىيە ھاكىمىيىتىدىن خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ھېساب ئېلىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بىراق رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ ھەقتە چاقىرىلغان  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ سىن يىغىنىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئالۋەتەن گېزىتى «ئىككىنچى تاجىسىمان ۋىرۇس دولقىنى ئەندىشىسى نېفىت باھاسىنى تۆۋەنلەتتى» سەرلەۋھىىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

«Aljazeera.net» خەۋەرلەر تورى،  لىۋىيەدىكى ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ تىرابلۇستا ئولتۇراق رايونلارنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاتىييە ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې» گېزىتى، فىرانسىيەدە بۈگۈن مەكتەپلىرى ئېچىلغان مىڭلىغان بالىلارنىڭ پارىژ، لىئون ۋە لىللە شەھىرىدە مەكتەپ يولىغا ئاتلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«لې فىگارو» گېزىتى،  مۇشۇ يېقىندا 300 يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ھەرگىز يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«France 24»  قانىلى سانوفى تەجرىبىخانىسىنىڭ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقارغان تەقدىردە، بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكىغا مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Pais» گېزىتى، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،  ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ %5 تىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «Infoabae» گېزىتى، بېرازىلىيەنىڭ كوۋىد -19 يۇقۇملىنىشىدا فىرانسىيەدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ھازىر يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ئالتىنچى دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مېكسىكادا چىقىدىغان «La Jornada» گېزىتى، چىلىدىكى ئىستراتېگىيە مەغلۇب بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە مەجبۇرىي كارانتىناغا ئېلىش يولغا قويۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«TASS» ئاگېنتلىقى، رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيەدە ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دولقۇن تاجىسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئېھتىماللىقى بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«RT» خەۋەرلەر تورى، رۇسىيەدە دوختۇرخانا ئوت ئاپىتى ۋەقەسىدىن كېيىن، «Aventa-M» سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىش توختىتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«كوممېرسانت گېزىتى»، موسكۋادا 100 ياشلىق ئايالنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنى يەڭگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر