19.03.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىز تۆۋەندىكىچە:

1381249
19.03.2020

بەھرەيندە چىقىدىغان «ئەل ئەييام » گېزىتى، پەلەستىن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ئىشتىييەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان يېڭى قەدەملەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگىلىزچە چىقىدىغان «ئەل-شەرق ئەل ئاۋسەت» گېزىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «ئەل قۇدۇس ئەل ئەرەبى گېزىتى» ئىسرائىلىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 5 ياۋروپا  دۆلىتىدىكى باش ئەلچىخانىسىنى تاقىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«لې موندې» گېزىتى، كوروناۋىرۇس ھەققىدە، «ياۋروپا مەركىزى بانكىسى بازارنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن تارىخى جىددىي پىلاننى يولغا قويدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

«لې پارىسېن» گېزىتى فرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 1000 كىشىنىڭ ساقىيىپ چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىۋېيېتسارىيەدە چىقىدىغان «لې تېمپس» گېزىتى، شىۋېيېتسارىيەدە ئېلېكترونلۇق سودىنىڭ غايەت زور ئېشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، گېرمانىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Handelsblatt.com» خەۋەرلەر تورى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئىقتىسادىدىكى تورمۇزلىنىپ قېلىشنىڭ ئۆتمۈشتە ھېچقانداق مىسالى يوقلۇقىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا مەڭگۈلۈك زىيان سالىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Tagesschau.de» خەۋەرلەر تورى،  ئىرېلاندىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى «Ryanair» نىڭ 24 - مارت سەيشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن بارلىق ئايروپىلان ئۇچۇش پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئەل پائىس» گېزىتى، مادرىدتە بىر كۈن ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 88 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئەل مۇندو» گېزىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى كرىزىسى سەۋەبىدىن ئىسپانىيە پادىشاھى 6 - فېلىپنىڭ: «بۇ ۋىرۇس بىزنى مەغلۇپ قىلالمايدۇ، ئۇ بىزنى بىر پۈتۈن خەلق سۈپىتىدە تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «كلارېن» گېزىتى، ئارگېنتىنا پىرېزىدېنتى ئالبېرتو فېرناندېزنىڭ بۈگۈن ئومۇمىي يۈزلۈك كارانتىنا ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە قارار ماقۇللايدىغانلىقىنى ۋە بۇ قارارنى ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ قوللايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Rossiyskaya» گېزىتى، روسىيەنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن چەكلەش تەدبىرلىرىنى كۆپەيتىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«ئىزۋېستىيا» گېزىتى، موسكۋادا كوچىلارغا چىقىشنى چەكلەش قانۇنىنىڭ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.

«Regnum» ئاگېنتلىقى، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن روسىيەدە يېڭى خىزمەت پۇرسىتى تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر