25.02.2020

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان قىسقىچە خەۋەرلىرىمىزتۆۋەندىكىچە:

1365880
25.02.2020

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەدە چىقىدىغان «زۈددايچە زەيتۇڭ گېزىتى» (Süddeutsche Zeitung)، گېرمانىيەنىڭ  لۇفسانا (Lufthansa) ھاۋا يوللىرى  شىركىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر كۆرۈلگەن ئىتالىيەگە ئايروپىلان سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «فرانكفۇرتېر ئالگېماينې زەيتۇڭ گېزىتى» (Frankfurter Allgemeine Zeitung)، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھايكو مائاسنىڭ ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنى چاقىرىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

 گېرمانىيە ئاۋازى رادىيوسى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا داۋاملىق تارقىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە چىقىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات گېزىتى»، بەھرەيندە بىر كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقىنى، كۇۋەيتتە يەنە ئىككى كىشىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەلرايا ئەلقاتارىييا گېزىتى»، كۇۋەيت ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مىللىي بايرام پائالىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە چىقىدىغان «بەيان گېزىتى»، ئىراندىن ئۇممانغا كەلگەن ئىككى كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «ئېل پائىس گېزىتى» (El Pais)، ئىسپانىيەنىڭ دوختۇرخانىلاردا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇيۇقسىز ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «ئىنفوبىيا گېزىتى» (Infobae)، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋېنېزۇئېلا ئىشلىرى ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېنرىكى ئىگلېسىيىس (Enrique V. Iglesias) نىڭ مارت ئېيىنىڭ (2020) بېشىدا، «ئادىل ۋە ئەركىن» بولغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاسقا بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رامبلېر» تورى (Rambler.ru)، پىرېزىدېنت پۇتىننىڭ براند پۇل-مۇئامىلە مەسلىھەتچىلىك شىركىتىنىڭ دەرىجىگە تىزىشىدا، دۇنيادا ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىككىنچى رەھبەر بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى» (RİA Novosti)، لىۋىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ، تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدە بولۇشىنىڭ تىرىپولى ئەتراپىدىكى رايونلاردا ۋەزىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې فىگارو گېزىتى» (Le Figaro)، دۇنيانىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئۇشتۇمتۇت تارقىلىش خەۋپىگە تەييار تۇرۇشى كېرەكىلىكىنى ئېلان قىلدى.

«24-فرانس» قانىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنگەندىن كېيىن بولىدىغان سودا ئۇچرىشىشلىرىنىڭ باشلىشىغا يېشىل چىراغ ياققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې گېزىتى» (Le Monde)، پېنسىيە ئىسلاھاتىنىڭ سەككىز كۈنلۈك مۇنازىرەدىن كېيىن، پارلامېنتتا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر